ساقال ئېلىش . ساقال ئالغاندىن كېيىن تېرە ئوبدان ئاسرالمىسا ئاسان بوشاپ كېتىدۇ .
ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كېتىش .ئەرلەرنىڭ تېرىسى ئادەتتە مايلىق بولۇپ ، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا تېرىنىڭ ماي ئاجرىتىشى تېزلىشىپ ، تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلىدۇ–دە ، تېرە خۇنۇكلىشىش ، دانىخورەك چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
سىرتتىكى پائالىيەت كۆپ بولۇش . ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ئاساسەن سىرتتا بولغاچقا ، تېرىگە زىيانلىق مۇھىت بىلەن ئۇچرىششى كۆپ بولىدۇ .
تېرە ئاسراشقا كۆڭۇل بۆلمەسلىك . ئەرلەر ئادەتتە تېرە ئاسراش ئاياللارنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەرلەرمۇ تېرە ئاسراش ئارقىلىق تېرىسى قۇرغاقلىشىش ، مايلىشىش ياكى يېرىلىش قاتارلىق ئالامەتلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقان بولۇش . تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش ، كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ تېرىگە بولغان رولىنى چۈشەنمەسلىك ۋە تۇرمۇش رېتىمى قالايمىقان بولۇش قاتارلىقلار تېرىنىڭناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۈرلۈك بېسىملار . تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملار ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىششى ، تېرە بوشاش ، قۇرغاقلىشىش ، ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش ، خۈنۈكلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ .