ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىتاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

[sg_popup id=867]

ئامېرىكا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن ھەم كۆپ يىل داۋاملىشىدىكەن:

20 مىنۇتتىن كېيىن قان بېسىمى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە قايتىپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ نورماللىشىدىكەن،42 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن.

48 سائەتتىن كېيىن نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچى يېڭىباشتىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. پۇراش ۋە تەم سېزىش ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن،

ئۈچ ئايدىن كېيىن قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %30 ئاشىدىكەن،

بىر ئايدىن توققۇز ئايغىچە ۋاقىتتىن كېيىن يۆتىلىش، بۇرنى قىزىرىش، چارچاش، نەپەس تىقىلىش يېنىكلەپ، ئۆپكىنىڭ تاشقى پەردىسىدىكى كىلىتكا تالچىقلىرى قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئازىيىدىكەن، بەدەننىڭ ئومۇمىي زېھىن كۈچى ئاشىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن %50 تۆۋەنلەيدىكەن،

بەش يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %50 تۆۋەنلەيدىكەن. سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا تاشلىغان بەش يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىدىكەن. ئېغىز راكى، كاناي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن% 50 تۆۋەنلەيدىكەن.

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر
تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ئون يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. راك بولۇش ئالدىدىكى كىلىتلار نورمال كىلىتلارغا ئۆزگىرىپ، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋسۇن راكى، بۆرەك راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن، 15 يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:24:38

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ