يېڭى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى زىيانلىق گېن ئۆزگىرىشلىرى پەقەت كۆپىيىپلا قالماستىن، بەلكى بەدەن يېڭى ئىسپېرما ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىمۇ كۆرىلىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال، ياشانغان دادىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ كۆپ كېسەللىك خەۋپىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلمىي ئاساستا چۈشەنچە بېرەلەيدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات 2025-يىلى 8-ئۆكتەبىر «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار ئىلغار تېخنىكا ۋە توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان DNA تەرتىپلىنىشىنى ئۆلچەش تېخنىكىسى (ultra-accurate DNA sequencing) ئارقىلىق، ياشانغان ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ گېن ئۆزگىرىشلىرى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئائىت كېسەللىكلەر ۋە راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. «ئۆزىنىلا ئويلايدىغان تاللاش» (selfish selection) دەپ ئاتالغان بۇ ھادىسە، بەزى گېن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئۇرۇقدان ئىچىدە ياشاش ۋە كۆپىيىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەۋلادلارغا كۆپلەپ يەتكۈزۈلۈش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن.
ۋېلكوم سانگېر ئىنستىتۇتى (Wellcome Sanger Institute) ۋە لوندون پادىشاھ ئىنىستىتۇتىدىكى (King’s College London) تەتقىقاتچىلار ھەمكارلىشىپ، 24 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 81 ساغلام ئەركەكنىڭ ئىسپېرما ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە، 30 ياش ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ سپېرمىسىنىڭ تەخمىنەن %2 ىدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن ئۆزگىرىشى بايقالغان بولسا، بۇ نىسبەت ئوتتۇرا ياشلىق (43-58 ياش) ۋە ياشانغان (59-74 ياش) ئەرلەردە %3 تىن %5 كىچە يەتكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، 70 ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ %4.5 ىدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن ئۆزگىرىشلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ دادىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىنىڭ ئەۋلادلارنىڭ گېن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ خىل خەتەر پەقەت تاسادىپىي DNA ئۆزگىرىشلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىنلا بولماستىن، بەلكى ئۇرۇقدان ئىچىدىكى ئىسپېرما ئىشلەپچىقىرىش ھۈجەيرىلىرىدە يۈز بېرىدىغان بىر خىل ئىنچىكە تەبىئىي تاللىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ جەرياندا بەزى گېن ئۆزگىرىشلىرى باشقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار سپېرما ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدىغان 40 خىل گېننى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى نېرۋا يېتىلىش كېسەللىكلىرى ۋە ئېرسىيەت خاراكتېرلىك راك خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
گەرچە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىسپېرمىدىكى زىيانلىق گېن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ نىسبىتى ئاشسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇقلىنىش ياكى تۇغۇلۇشقا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەزىلىرى ئۇرۇقلىنىشقا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى ياكى ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى كەلگۈسىدە تۇغۇت خەۋپىنى مۆلچەرلەش ۋە مۇھىت، تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ گېن خەۋپىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.
خەۋەر مەنبەسى: Neuroscience News
https://neurosciencenews.com/genetics-sperm-mutation-neurodevelopment-29788/