ئالىملار تەتقىق قىىلىش ۋە سىتاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق ،دۈشەنبە كۈنى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بەرداشلىق بېرىدىغان پىسىخىكىلىق بېسىم ئەڭ چوڭ بولىدىغانلىقى ،مۇشۇ ۋاقىتتا ئەرلەر ئاسان چارچاش ،چېچىلىش ،يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسىبىتى يۇقىرى بولىدىغانلقى ،دەل مۇشۇ ۋاقتتا ئەرلەر باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئەڭ موھتاج بولىدىغان پەيىت ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
ئالىملار 3320نەپەر ئەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۇرۈش ئارقىلىق ،دۇشەنبە كۈنى ئەرلەر بەرداشلىق بېرىدىغان روھىي بېسىمىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش نىسىبىتىنىڭمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتىن 10%يۇقىرى بولىدىغانلقىنى بايقىغان .چۈنكى شەنبە ،يەكشەنبە كۈنىدىكى تولۇپ -تاشقان ئارام ئېلىش شادلىقىدىن كېيىن ،ئەرلەردە «ھەممىنى قايتىدىن باشلاش »ئويى تۇغۇلۇپ ،غېرىپىلىق ۋە يالغۇزلۇق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيدىكەن .
تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بىر بايقىشىچە ،دۈشەنبە كۈنى ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدىكەن .شۇڭا ،ئالىمىلار دۇشەنبە چۈشىتىن كېيىنىدىن باشلاپ خىزمەت مىقىدارىنى كۆپەيىتىشىنى ،چۈشىتىن بۇرۇن «بەدەن قىزىتىش »نى ئاساس قىلىش تەكىلىپىنى بېرىدۇ،بۇنداق بولغاندا يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ توساتتىن قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇ تەكلىپنى بەرگەن تەتقىقاتچىلار، ئەرلەرنىڭ جۈپتىگە دۈشەنبە كۈنىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، شۇ كۈنى جۈپتىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان، بېسىم بولۇپ قالىدىغان نوقتىلارنى تىلغا ئالماسلىقىنى، ئۆي ئىچىنى راھەت بىر مۇھىتقا ئايلاندۇرۇشىنى، پاكىز تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان.