يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بوۋاقلار تەرلەپ كېتىدۇ، بۇ چاغدانۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋاقنى ئۇپىلايدۇ، ئەمما بالىلار كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇپىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى
چۈنكى ئۇپىنىڭ تەركىبىدە تالىك پاراشوكى بولۇپ، ئەگەر مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، تالىك پاراشوكى كېكىردەكنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە ئاجرىلىپ چىققان نەرسىلەر بىلەن قېتىشىپ، كاناي توكچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ، ھەتتا كاناي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۇپا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
ئۇپىنى بالىلاردىن يىراق تۇتۇش، ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا، ئاستا –ئاستا ئۇپىلاش، توزۇتىۋەتمەسلىك كېرەك. ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش، بالىلارغا بەرمەسلىك، ئۇپىلىغاندا مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.