توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
جىنسىي كېسەللىك جىنسىي ھەرىكەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە جىنسىي پائالىيەت جانلانغان مەزگىلدىكى ياشلاردا كۆرۈلىدۇ.
نۇرغۇن ياشانغانلار ئۆزىنى جىنسىي كېسەللىكتىن يىراق دەپ قاراپ، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەللىكنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر قايسىلار؟
بىرىنچى دەرىجىلىك جىنسىي كېسەل: ئەيدىز كېسىلى
ئىككىنچى دەرىجىلىك جىنسىي كېسەللىكلەر: سىفلىس، خلامىدىيە كېسىلى، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى، جىنسىي كېسەللىك خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى، سۆزنەك، يۇمشاق شانكىر ۋە بىخلىما گۆش ئىششىقى ھەمدە باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىنسىي كېسەللىكلەر: جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، دوۋسۇن پىتى كېسىلى، ئەۋرەت ئاددىي قوقىقى ۋە يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۆتىنچى دەرىجىلىك جىنسىي كېسەللەر: ئاميوبا كېسىلى، سالمونېللا باكتېرىيىسى كېسىلى ۋە فلاگېللوز كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جىنسىي كېسەلنىڭ تارقىلىش يولى بىلەن ياشانغانلارنىڭ جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ھازىر ياشانغانلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەۋاتىدۇ، چۈنكى ئەنئەنىۋى ئىدىيىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق دەپ قارايدۇ، جىنسىي ئېھتىياج بولغاندا يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ، ئوبيېكت تاپالمايدۇ، پەقەت پۇل خەجلەپ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجنى ھەل قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە جىنسىي كېسەللىكلەر پەقەت جىنسىي ھەرىكەت ئارقىلىقلا تارقالمايدۇ، ئەيدىز كېسىلى ۋە سىفلىس ئانىدىن بالىغا ۋە قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، تراخوما خلامىدىيەسى ۋە سۆزنەك ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ۋاننا ۋە دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن لۆڭگە ئارقىلىق تارقىلىدۇ، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى ئېغىز ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يۆتكىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىنسىي كېسەللىكنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش
مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ، پاكىز بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت ۋە توي سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇقىم جىنسىي ھەمراھى بولۇش، تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق.
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئامال بار سۈپىتى بىخەتەر، ئىشەنچلىك گاندوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر جورىسى جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك، بۇ مەزگىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ.
2. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش
شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىشى، يەرلىك ئورۇننى پاكىز تۇتۇشى، قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يۇقۇملىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ساقال ئالغۇچ ۋە چىش چوتكىسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، زەھەر چەكمەسلىك، ئوكۇل يىڭنىسى ۋە شپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. جىنسىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش
ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش، جىنسىي ئەخلاقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش، جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا قاراش تۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا توغرا تونۇش بولۇشى، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك. جىنسىي ئەزادا گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىنى تاللاپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.
سەمىمىي ئەسكەرتمە:
داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان ياكى داۋالاپ ساقايتىش تەس بولغان جىنسىي كېسەللىكلەر ۋىرۇس ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەيدىز كېسىلى، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى ۋە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلار.
جورىسى جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىرلىكتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى، داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، سۈپىتى ئىشەنچلىك گاندون ئىشلىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆي ئىچىنى پاكىز تۇتۇش، كىيىم-كېچەك ياكى تەرەت قاچىسى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پاكىز ساقلاش كېرەك.
بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشى، قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىكى ۋە قائىدىسىز داۋالانماسلىقى كېرەك. داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روھىي ھالەتنى تەڭشەش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17986380.shtml