فتورنىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مىنېرال ماددا فتورنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىلىسى:F

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: فتور ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، ئادەم بەدىنىدىكى فتورنىڭ كۆپ قىسمى سۆڭەك بىلەن چىشتا بولىدۇ. فتورلۇق بىرىكمىلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە چىش، سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

فتورنىڭ رولى

ئاساسلىق رولى:

چىش ۋە سۆڭەكنىڭ شەكىللىنىشى، شۇنىڭدەك كالىتسىي، فوسفورنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چىشنىڭ باكتېرىيە، كىسلاتانىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، چىشنى ئاسىراپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سۆڭەكنى ساغلام قىلىدۇ، ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

فتور چىش ۋە سۆڭەكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى، فتورلۇق بىرىكمىلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى، شۇنىڭدەك چىش، سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم بەدىنىدە فتور ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا قۇرت يېگەن چىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇش، سۆڭەكنىڭ چۈرۈكلىكى ئېشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە فتور يېتىشمىسە يەنە تۇغماسلىق كېسىلى ياكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى ئادەتتە تۇرۇبا سۈيى، ئىچىدىغان سۇغا ئاز مىقداردا فتور قوشىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئادەم بەدىنىدىكى فتور تەر بەزلىرى ۋە بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا فتور تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

ئوتتۇرا ياش ئاياللار: ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىن ئۆتكەن ئاياللاردا ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىشىمۇ بىر قەدەر چۈرۈكلىشىدۇ، ھالبۇكى فتور بولسا سۆڭەكتىكى كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە چىش جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى ئازايتىدۇ.

بالىلار: ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلار ئەتىگەندە ۋە كەچتە فتورلۇق چىش پاستىسى بىلەن چىشنى چوتكىلىسا بولىدۇ، ئوقۇش يېشىغا تولمىغان بالىلار فتورلۇق چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەندە، ھەر قېتىمدا پەقەت سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىچىلىك چىش پاستىسىنى سىقىپ چىقىرىپ ئىشلەتسە كۇپايە. بۇنىڭدىن باشقا بالىلارنىڭ چىشىغا ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم فتور سۈرۈپ بەرگەندە، باكتېرىيىنىڭ چىش ئوقۇرىدا ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تورمۇزلاپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە چىشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

ياشانغانلار: فتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلەتسە ھەمدە تەركىبىدە فتور مىقدارى كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى، يەنە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

بېلىق (ترېسكا بېلىقى، سالمون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى) تۇخۇم، سۈت، ئالما، گۆش، دانلىق ئاشلىق، چاي، فتور قوشۇلغان سۇ قاتارلىقلار. دائىم فتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلەتسىمۇ بەلگىلىك مىقداردىكى فتورنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

فتور زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، چىشنىڭ ئېماللىق قەۋىتىگە چۆكۈپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك داغلارنى شەكىللەندۈرىدۇ ياكى چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. سۆڭەك ۋە چىشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئادەم بەدىنىدىكى فېرمېنت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئىچىدىغان سۇغا ئاز مىقداردا فتور قوشۇلسا چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، قويۇقلۇقى مىليوندىن بىر بولا مۇۋاپىق بولىدۇ.

فتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلەتسە ۋە فتور قوشۇلغان سۇ بىلەن ئېغىز چايقاپ بەرسىمۇ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ بۇلارنى يۇتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان فتورلۇق بىرىكمىلەر كۆپىنچە يېمەكلىكلەردىن ئەمەس، بەلكى چايدىن كېلىدۇ. شۇڭا فتور تولۇقلاش زۆرۈر بولغاندا ئۇنى چايدىن قوبۇل قىلىش ئەڭ تېز ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر چايغا قەنت قوشۇلسا ئۇنىڭ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ئازىيىپ كېتىدۇ.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

بوۋاقلار: 0.1-0.7 مىللىگرام

كىچىك بالىلار: 1-1.5 مىللىگرام

بالىلار: 1.5-2 مىللىگرام

ياش-ئۆسمۈرلەر: 2-3 مىللىگرام

قۇرامىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللار: 3 مىللىگرام

ھامىلدارلار ۋە بالا ئىمىتىۋاتقانلار: 3 مىللىگرام

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-05 / 07:05:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ