توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇيۇقسىز پەيدا بولغان قان سىيىش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەلكىم سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى تاش ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئېغىر يۇقۇملىنىش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى شىللىق پەردىگە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شىللىق پەردە يۈزىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، يېرىلغاندىن كېيىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سۈيدۈككە كىرىدۇ، بىماردا قان سىيىش يۈز بېرىدۇ، ئادەتتە پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق سۈيدۈك يولى غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشكەن بىمارلارنىڭ تېنىدە تاش بولغاچقا، شىللىق پەردىسى زەخىملىنىپ، شىللىق پەردە يۈزىدىكى قىل قان تومۇرلار يېرىلىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان قان سىيىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئادەتتە ئاغرىقسىز كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان قانلىق سۈيدۈكنى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەيلى بۆرەك جامى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى ياكى دوۋساق يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى بولسۇن، ھەممىسى ئاغرىقسىز قان سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا سېستىمىلىق تەكشۈرتۈپ، داۋالىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17814835.shtml