ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشيازدا كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

يازدا كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

يۈزگە شامالدارىش يۈزگە شامالدارىش شامال يۈزگە ئودۇل تېگىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل.

ئىپادىسى: يۈزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى مۇسكۇللار تارتىشىپ، يەنە بىر تەرىپىدىكى مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىدۇ، شۆلگەي ئاقىدۇ. گېپىنى ئېنىق ئۇققىلى بولمايدۇ. كېسەل كۆپىنچە تاڭ سەھەر ياكى چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا كۆرۈلىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) دەرھال كېسەل پەيدا قىلغان مۇھىتتىن ئايرىلىش

盎 2) مۇسكۇلى تارتىشىپ قالغان تەرەپنى ئۇۋۇلاش

盎 3) يۈزىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش بىلەن بىرگە، يۈز مۇسكۇلىنى ئۇۋۇلىسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

盎 4) قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان دورىلارنى، مەسىلەن، نېتروبېنزول دىپىن (شياۋبېن دىپېڭ 平地ءە硝)، ناۋيىچىن (嗪益脑) ۋە مۇرەككەپ رېتسېپلىق چۆل يالپۇزى تابلېتكىسى (فۇفاڭ دەنسېڭپيەن 片参丹方复) قاتارلىقلارنى ئىچىش، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

بەدەن ئۇيۇشۇپ قېلىش بەدەننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى تومۇز ئىسسىقتا سىرتتا ھەرىكەت قىلىش مىقدارى ئازىيىپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر، بولۇپمۇ كالىي، ناترىي، ماگنىي قاتارلىق ئېلېكترولىزلار كۆپ خوراشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي كېسەل.

ئىپادىسى: ئۇدا بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈن سىرتقا چىقماي خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بەدەن ئۇيۇشۇپ قېلىش، قېتىۋېلىش، ھەرىكىتى تەڭپۇڭسىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش، يىقىلىپ كەتسە، باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش

盎 2) ئىسسىق سۇ بىلەن بەدىنىنى، بولۇپمۇ قول، پۇتلىرىنى يۇيۇش، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

3) كالىي، ناترىي، ماگنىي تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىش، كېسەل ئالامىتى يېنىكلىگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك.

ئىسسىقتىن شوك بولۇپ قېلىش ئىسسىقتىن شوك بولۇش تومۇز ئىسسقتا بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى يېتىشمەي، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي كېسەل. ئىسسىقتىن بولغان شوك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە ئوخشىمايدۇ. ئۇ نېرۋىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئىپادىسى: يۈزى قىزىرىپ، بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. پۇت، قوللىرى كۈيۈشۈپ، كۆڭلى ئاينىپ قۇسىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا ھاياجانلىنىش، ئېسىنى يوقىتىش، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) ئۆز ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىسسىقتىن شوك بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سالقىنداش ياكى سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ ئىسسىقنى تارقىتىش كېرەك.

2) دەسلەپكى ئالامىتى يوقالغاندىن كېيىن ماش قاينىقى قاتارلىق ئىسسىق قايتۇرۇش ئىچىملىكلىرىنى ئىچىش كېرەك. ئەگەر كېسەل ئالامىتى ياخشىلانمىسا ھەم روھىي جەھەتتىن كېسەل ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ