قايناقسۇدا كۆيۈپ يارىلانغانلار ئادەتتە 3 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ
1 – دەرىجىلىك كۆيگەنلەرنىڭ جايلىق ئورنىدا قىزىل داغ پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ.
2- دەرىجىلىك كۆيۈپ يارىلانغانلاردا سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ، چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ.
3 – دەرىجىلىك كۆيۈپ يارىلانغانلاردا نىكروزلىنىش كېلىپ چىقىپ، تېرە سويۇلۇپ كېتىدۇ.
ئەزالار يېنىك دەرىجىدە كۆيگەندە كۆيگەن ئورۇننى پاكىز تازىلاپ، جىڭۋەنخوڭ(京万红)، مېيباۋرۈنشى شاۋشاڭگاۋ (膏伤烧湿润خ美) سۈرسە بولىدۇ. كۆيگەن ئورۇننىڭ دائىرىسى چوڭ بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. جايلىق ئورۇننى بىر تەرەپ قىلىش ھەممىدىن مۇھىم، ئالدى بىلەن كۆيگەن ئورۇن ۋە ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرىۋېتىش، ئۆسۈپ كەتكەن تىرناقنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
جايلىق ئورۇنلار ئەتراپىدىكى ساق تېرىلەرنى سوپۇن سۈيى ياكى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ، %1 لىك بروموگرامىن (شىنجيېئېرميې 新洁尔灭) ياكى %75 لىك ئىسپىرت بىلەن پاكلاش كېرەك. كۆيگەن ئورۇننى ئىزوتونىك تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تازىلاپ، يارا يۈزىدىكى غەيرىي ماددىلار ۋە بۇلغانمىلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. كىچىك قاپارتمىلار يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چوڭ قاپارتمىلاردىكى سۇيۇقلۇقنى ئوكۇل يېڭنىسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش كېرەك.
ئەگەر قاپارتمىلار يېرىلىپ كەتكەن ياكى ئېغىر بۇلغانغان بولسا، قايچا ئارقىلىق قاپارتمىلارنى كېسىۋېتىپ، يارا ئېغىزىنى دورىلانغان داكا بىلەن تېڭىپ قويسا بولىدۇ. يارا ئورنى يېنىك دەرىجىدە ياللۇغلانغان بولسا، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.