كۆكرەك قىسمىنى مىنۇتىغا 100 قېتىم بېسىش جىددىي قۇتقۇزغان ۋاقىتتا بىمارنى تۈز ياتقۇزۇپ ئاۋال كۆكرەك قىسمىنى بېسىش ، ئەگەر شارائىتى ياربەرسە كۆكرەكنى بېسىش بىلەن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىش ، شۇنداقلا كۆكرەك قىسمىنى كۈچەپ تېزدىن بېسىش ، بېسىش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىم بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ
يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا تۆت مىنۇت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك ، نەپىسىيۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىمارلار ئەگەر كېسەل قوزغىلىپ تۆت مىنۇت ئىچىدە ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنسا ئەسلىگە كېلىش نىسبىتىنى %50 گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر يۈرەك توختىشى تۆت مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندا پەقەت 1:4 بىمارلارنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە بىر سائەت ئىچىدە ئېرىتىش كېرەك . جىددىي خاراكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېرىتىش پەيتى ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولۇپ ، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى ، بىر سائەت ئىچىدە ئوركىنازادا ئېرىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ . ئەگەر 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك.
مېڭە – قان تومۇر توسۇلغان ۋاقىتتا ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى تېببى ساھەدە مېڭە – قان تومۇر توسۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسە ، ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى پەيت ( ياكى تۆت سائەت ) دەپ قارايمىز ، بۇ ۋاقىتتا بىمارغا نىسبەتەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ ، كۆپ قىسىم بىمارلار خەۋپ – خەتەردىن ئامان –ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ناسىپجان مامۇت ، بۇخەلچەم ئابدۇكېرىمھاجىتەرجىمىسى