ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرىئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىرقى جەمئىيەتتە، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. مەيلى ۋاقىت قوغلىشىش ئۈچۈن سىرتتا خالىغان بىر يەردە يىگەن بىر ۋاق تېز تاماق بولسۇن ياكى خىزمەت بېسىمى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا يىيەلمىگەن ناشتىلىقلار، قارىماققا ناھايىتى ئاددىي بىر ئىشتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋاللار سالامەتلىكىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «يوشۇرۇن كېسىلى» گە ئايلانماقتا.

ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

ئۇزاق مۇددەت رېتىمسىز يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش ۋە روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان بىئارام بولۇش ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىز تۆۋەندە ، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى، سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ باقايلى، بۇ سىزنىڭ تېز رېتىملىق شەھەر تۇرمۇشىدا ئاشقازىنىڭىزنى قانداق ئاسراشنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ( chronic gastritis ) ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك غىدىقلىنىش ياكى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك ئالامەتلىرى بەزىدە ئانچە روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

قورساق قىسمى بىئارام بولۇش ياكى ئاغرىش : ئۈستۈنكى قورساق قىسمى ( ئاشقازان قىسمى ) نىڭ ئوتتۇرىسى ياكى سول تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىق بىلىنەر – بىلىنمەس ئاغرىيدۇ، كۆيگەندەك ياكى تېلىپ ئاغرىيدۇ، ئادەتتە تاماق يېگەندىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ.

قورساق كۆپۈش : تاماق يېگەندىن كېيىن ئاشقازان كۆپۈش ياكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئاز مىقداردا يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن دەرھال پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش : بولۇپمۇ مايلىق ياكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن. قۇسۇق ئادەتتە قاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، لېكىن ئېغىر ئەھۋالدا قان قۇسۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش : ئاشقازان بىئارام بولغانلىقتىن، بىمار يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىشى ياكى ئىشتىھاسى ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن.

كېكىرىش : كۆپ كېكىرىش، بولۇپمۇ تاماق يېگەندىن كېيىن گاز ئېتىلىپ چىققاندەك ھېس قىلىش.

ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق : ئاشقازان ئېغىرلىشىپ، كېكىرىش، ئاشقازان كۆيۈش ۋە كىسلاتا يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش : ئۇزاق مۇددەت ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلىشى مۇمكىن.

قارا تەرەت ياكى قانلىق تەرەت : ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش ياكى قاناش كۆرۈلسە، قارا تەرەت ( ھەزىم قىلىش يولى قاناش سەۋەبىدىن ) ياكى قانلىق تەرەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

قان ئازلىق ئالامەتلىرى : ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، بولۇپمۇ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ( Helicobacter pylori ) دىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش ۋە يەل قىسقا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باشقا مۇمكىن بولغان ئالامەتلەر:

ئېغىز پۇراش : ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى ئاشقازاندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىدىن بولىدۇ.

ئۈستۈنكى قورساق كۆپۈش سېزىمى : ئاچ قورساق ھالەتتىمۇ ئاشقازان كۆپۈش سېزىمى بولۇشى مۇمكىن.

نۇرغۇن كىشىلەردە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئاستا خاراكتېرلىك غەيرىي يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولغان ئەھۋالدا. شۇڭا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇشتا ئادەتتە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋە توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش لازىم بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگىلىگەن دەپ گۇمان قىلىنغاندا ، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-24 / 06:35:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ