ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشيېڭى «ئاقسىل سائەت» تېخنىكىسى كېسەللىك خەۋپىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن

يېڭى «ئاقسىل سائەت» تېخنىكىسى كېسەللىك خەۋپىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تەبىئەت-مېدىتسىنا خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

2024-يىلى 8-ئاينىڭ 8 – كۈنى، «تەبىئەت – مېدىتسىنا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قاندىكى تەخمىنەن 200 خىل ئاقسىلنى ئاساس قىلغان بىر خىل ياش «سائىتى» مىخانىزمىسى مەزكۇر كىشىدە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولغان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە ئالزېيمېر كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ خەتىرىنى مۆلچەرلىيەلەيدىكەن.

قاندىكى 200 خىلدىن ئارتۇق ئاقسىلنى ئانالىز قىلىش ئۆلۈم خەۋپى ۋە قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئون نەچچە خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ ئالدىن دىئاگنوز قويۇلۇشىغا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.

بۇ تەتقىقاتنىڭ باش ئالىمى، ئامېرىكا بوستون ماسساچۇسېتس شتاتى باش دوختۇرخانىسىنىڭ نوپۇس ساغلاملىقى تەتقىقاتچىسى Austin Argentieri مۇنداق دېدى : بۇ خىل «ئاقسىللار سائىتى» مېخانىزمىسى يەككە سىناق ئارقىلىق كۆپ خىل كېسەللىكنى مۆلچەرلەش مۇمكىنچىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈردى ، بۇ خىل سىناق بىر ئادەمنىڭ كۆپ خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى مۆلچەرلەپ بېرەلەيدۇ. مەزكۇر تەتقىقاتچى يەنە قوشۇمچە قىلىپ : «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا شۇ چوقۇم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. » دېگەن.

يېڭى «ئاقسىل سائەت» تېخنىكىسى كېسەللىك خەۋپىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن

بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي يېشى ئۇنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، لېكىن ئەمەلىي يېشى كېسەللىكنىڭ مۇكەممەل مۆلچەر ۋە بىردىنبىر كۆرسەتكۈچى بولالمايدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم 60 ياشلىق كىشىلەرنىڭ تېنى ئاجىز، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يەنە بىر قىسىم ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.

Argentieri ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىر ئادەمنىڭ كېسەللىك ھالىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان «سائەت» ئىجات قىلماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئەنگلىيە بىئومېدىتسىنا ئەۋرىشكە ئامبىرىدىن ئىختىيارىي تاللانغان 45 مىڭ 441 ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلەتكەن، ئەۋرىشكە مىقدارى تەخمىنەن ئىلگىرىكى ئاقسىل سائىتى تەتقىقاتىنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، 204 خىل ئاقسىلنىڭ سەۋىيەسى ئەمەلىي يېشىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەتقىقاتچىلار پەقەت 20 خىل ئەڭ كۆرسەتمىلىك ئاقسىلدىن پايدىلىنىپ ئىككىنچى سائەتنى ياسىغاندا، بۇ گۇرۇپپا ئاقسىللارنىڭ ئىنساننىڭ ئەمەلىي يېشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئۈنۈمى 204 خىل ئاقسىللىق سائەت بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ 20 خىل ئاقسىللار، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى تىرەش قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئېلاستىك ئاقسىل ۋە كوللاگېن ئاقسىلى، شۇنداقلا ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى ۋە ھورمۇن تەڭشەشكە قاتنىشىدىغان ئاقسىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ سائەت يەنە جۇڭگو بىئولوگىيە ئامبىرىدىكى 4000 غا يېقىن قاتناشقۇچى بىلەن فىنلاندىيە بىئولوگىيە ئامبىرىدىكى 2000 غا يېقىن قاتناشقۇچىنىڭ ئەمەلىي يېشىنى توغرا مۆلچەرلىيەلىگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلگىرى ئاقسىلنى ئاساس قىلغان ئادەم بىئولوگىيىلىك سائەت تەتقىقات سانلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ تەتقىقات مەنبەسى ئوخشاش رايوندا ياشايدىغان كىشىلەردىن كەلگەن، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئوخشىمىغان رايون، گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلار بولغانلىقى ۋە نەتىجىلىرى كىشىنى خوشال قىلىدىكەن.

نورمال ئەھۋاللاردا، ئاقسىللىق سائەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆلچەنگەن ياش بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي يېشى ماس كېلىدۇ (يەنى ئوخشاش چىقىدۇ).

لېكىن بەزى يەككە تەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت. بۇ پەرقلىق بىر پاكىتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، يەنى جانلىق بەدىنىدىكى ئاقسىل سەۋىيەسى كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئاقسىل سائىتى يېشى ئەمەلىي يېشىدىن يۇقىرى كىشىلەر ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇ دىيابېت كېسىلى، نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، راك كېسىلى ۋە يۈرەك، جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاقسىل سائىتىنىڭ قېرىشى يەنە بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىنكاسنىڭ ئاستىلىشى ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئاقسىل سائىتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئاستا، بۇنىڭ مۇھىت ئامىلى، ئىرسىيەت ئامىلى ياكى ئىككىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

شۋېتسىيە كارولىنسكا فاكۇلتىتى مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئالىمى Sara Hägg مۇنداق دېدى : بۇ تەتقىقاتنىڭ غايەت زور سانلىق مەلۇمات توپلىمى ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئەۋزەللىكى بار. بۇ ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە تەتقىقات ھېساپلىنىدۇ.

Argentieri ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مەشىق سانلىق مەلۇماتىدا تېخىمۇ كۆپ جۇغراپىيە ۋە ئېرسىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىدەك ئۇنسۇرنىمۇ كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. Argentieri مۇنداق دېدى : ئوخشىمىغان چەكلىمىلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ جانلىق ئامبىرىدا ئاقسىل سانلىق مەلۇماتىنىڭ كەمچىل. بىز ئاقسىللىق سائەت ئارقىلىق يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، ئەگەر بۇ تەتقىقاتىمىز ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، بىر ئادەمنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان – بولمىغانلىقىنى 10 يىل ياكى 20 يىل ئۆتمەي تۇرۇپلا ئالدىن بىلگىلى بولۇشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەتقىقاتچىلار ئاقسىلنىڭ بەدەندىكى قېرىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىت ۋە پائالىيەت ئامىللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە 18 خىل ئوخشىمىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى بىلگىلى بولسا، ئۇنداقتا مەزكۇر كىشى ھازىردىن باشلاپلا، قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدىغان بولىدۇ.

مەنبە:
https://www.nature.com/articles/s41591-024-03164-7

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-19 / 07:11:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ