بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مەزگىلى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم يېتىلىش باسقۇچى ھېساپلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئادەتتە تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، لېكىن كونكرېت ۋاقتى بوۋاقنىڭ بەدەن پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىسمەن بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مۇساپىسى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئاستا بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار بۇنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسى ياكى يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ – يوق، دەپ ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال چىش چىقىش ۋاقتى، چىش چىقىش كېچىكىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر ھەمدە ئاتا – ئانىلارنىڭ قانداق قىلىشى توغرىلىق بەزى مەسىلىلەردە توختىتىلىمىز:
1.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال چىش چىقىش ۋاقتى
كۆپ ساندىكى بوۋاقلارغا 6 ~ 10 ئايلىق بولغاندا تۇنجى سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئادەتتە ئاستىنقى ئالدى چىش ( ئاستىنقى ئوتتۇرا ئۇدۇل چىش ) ئەڭ ئاۋۋال چىقىدۇ. بىراق، بەزى بوۋاقلار 4 ئاي بولا بولماستىنلا چىقىشى، يەنە بەزىلىرى 12 ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن سۈرۈلۈشى مۇمكىن. تەخمىنەن ئۈچ ياشتىن بۇرۇن، بوۋاقنىڭ 20 تال سۈت چىشى تولۇق چىقىپ بولىدۇ.
بوۋاقلارغا چىش چىقىشنىڭ ئاساسىي تەرتىپى:
6-10 ئاي : ئاستىنقى ئوتتۇرا كەسكۈچى چىش ( ئاستىنقى ئالدى چىش ) چىقىدۇ.
8-12 ئاي : ئۈستۈنكى ئوتتۇرا كەسكۈچى چىش ( ئالدىنقى چىش ) چىقىدۇ.
9-13 ئاي : ئۈستۈنكى يان كەسكۈچى چىش ( ئۇدۇل چىش يېنىدىكى چىش ) چىقىدۇ.
10-16 ئاي : تۆۋەنكى يان كەسكۈچى چىش چىقىدۇ.
13-19 ئاي : بىرىنچى ئېزىق چىش چىقىدۇ.
2.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چىشى كېچىكىپ چىقىش سەۋەپلىرى
چىش كېچىكىپ چىقىش نۇرغۇن سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان ئامىللار:
1) ئىرسىيەت ئامىلى
ئاتا – ئانا ياكى جەمەتىدىكى ئەزالارنىڭ چىشى كېچىكىپ چىقسا، بالىنىڭ چىش چىقىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن كېچىكىپ چىقىشى مۇمكىن.
2) ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك
چىشنىڭ يېتىلىشى كالتسىي، فوسفور، ۋىتامىن D قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تايىنىدۇ، بولۇپمۇ كالتسىي ۋە ۋىتامىن D چىش ۋە سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. كالتسىي كەم بولسا چىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ۋىتامىن D كەم بولسا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئازىيىپ، چىشنىڭ تېشىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
3) بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان بوۋاقلار
بالدۇر تۇغۇلغان ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولغان بوۋاقلارنىڭ چىشىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، شۇڭا چىش چىقىش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر كېيىن بولۇشى مۇمكىن.
4) كېسەللىك ياكى دورا تەسىرى
بەزى ئىچكى ئاجراتما ياكى مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ) چىشنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. چىش چىقىش جەريانىدا، ئەگەر بوۋاق سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىچسە، چىش چىقىش كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3 . بوۋاقنىڭ چىش چىقىشىنىڭ كېچىكىشىنى قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
چىشى كېچىكىپ چىققان بوۋاقلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چىشىنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ:
1) كۈن نۇرىغا قاقلىنىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇش.
مۇۋاپىق قۇياش نۇرى بوۋاقنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن D ھاسىل قىلىپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھەر كۈنى بوۋاقنى ئۆيدىكى كۈن چۈشىدىغان يەردە ياكى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ 15 ~ 30 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلاندۇرسا بولىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا ئاپتاپتا زىيادە ئۇزۇن قېلىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ چۈشتە ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2) ۋىتامىن D تولۇقلاش
ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن D مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن D تولۇقلاپ بېرىپ، بەدەندىكى كالتسىينىڭ نورمال سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ. نورمالدا تۈركىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئۇدۇللا ۋىتامىن د تامچە دورىسى باشلىنىدۇ. بوۋاقلار كۈندە 400 UI ۋىتامىن د ئىستىمال قىلىشى تەۋىسيە قىلىنىدۇ.
3) قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رېتىملىق ۋە تەڭپۇڭ بولۇش
بوۋاقلارغا ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، سۈت مەھسۇلاتلىرى ( قېتىق، پىشلاق )، پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېرىش، چىشنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.
4) چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشىگە ئەھمىيەت بېرىش.
بوۋاقنىڭ چىشى تېخى چىقمىغان تەقدىردىمۇ، يۇمشاق ھۆل داكا بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى يېنىك سۈرتۈپ، پاكىزلىقنى ساقلاپ، باكتېرىيىلەرنىڭ چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4.قايسى ۋاقىتتا دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك؟
ئەگەر بوۋاق بىر ياشقا كىرگەندىمۇ تۇنجى چىشى چىقمىسا ياكى باشقا يېتىلىشى كېچىكىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇنتىزىم بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋەيا چىش دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش ۋاقتى پەرقلىق بولغاچقا ، بەزىدە بىراز كېچىككەندە بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەمما، ئەگەر بوۋاقلارغا چىش چىقىشنىڭ كېچىكىشى بىر قەدەر روشەن بولسا ھەمدە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئوزۇقلۇق ھالىتىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ۋىتامىن D ۋە كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا مۇنتىزىم دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم.