ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىيەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش ھەققىدە

يەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش ھەققىدە

يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ھەرزامان ئالدىن خەۋەرسىزلا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى بۇ تەييارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدە سىز يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى قانداق تەييارلاش توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات ئالالايسىز.

نېمە ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش كېرەك؟

ئەتراپىڭىزدا كەڭ كۆلەمدە ئېغىر دەرىجىدە ( 7.دەرىجىگە يېقىن ۋەيا يۇقىرى بولغان ) يەر تەۋرەش ۋەقەسى بولغاندا، ياردەم كەلگۈچە ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى تەمىنلەش ئۈچۈن كەم دېگەندە 72 سائەتلىك تۈرلۈك ئېھتىياجلىق بۇيۇملار تەييارلاش كېرەك. يەر تەۋرەش ئاپىتى كېيىن بازار، دۇكانلار، دورىخانىلار ۋە باشقا ئاساسلىق مۇلازىمەت مەركەزلىرى ۋاقىتلىق تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن تۇتۇش قىلىش كېرەك:

يەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش ھەققىدە

رەسىم مەنبەسى: resim kaynağı:
https://www.gazeterize.com/isg-uzmani-uyardi-herkesin-deprem-cantasi-hazir-olmali

ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيا تۈرى

يېمەكلىك ۋە سۇ: يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، ئاسان ساقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇق يېمەكلىك، شاكىلات، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى تەييارلىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ جىددىي ئەھۋالدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىچىدىغان سۇ ياكى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك سۇ تازىلىغۇچ سەپلەپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نورمالدا ئەڭ ئاز 3 لىتىردىن كۆپرەك سۇ بولسا ياخشى بولىدۇ.

ئىسسىق ساقلاش بۇيۇملىرى: مەسىلەن، يېنىك ئىسسىق ساقلاش ئەدىيالى، ئۇخلاش خالتىسى، سۇدىن مۇداپىئەلىنىدىغان چاپان ۋە پەلەي، قېلىن پايپاق ۋە ئىسسىق ساقلاش ئىچ كىيىمى قاتارلىقلار يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى سوغۇق مۇھىتتا بەدەننىڭ ئىللىقلىقىنى ساقلاپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىدىكىلەر

دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار:دورىلىق چاپلاق، داكا، داكا، دېزىنفېكسىيە دورىسى، قان توختىتىش بوغقۇچى قاتارلىق سىرتقى زەخىملىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سۈرۈلۈپ زەخىملىنىش، كېسىلىپ زەخىملىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار، ئاغرىق توختىتىش دورىسى، زۇكام دورىسى، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، ئاشقازان – ئۈچەي دورىسى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، ئوخشاش بولمىغان بەدەن ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

ئالاھىدە دورىلار:ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كونكرېت سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەخسلەر دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى قوشۇش، مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى يۈرەك قۇتقۇزۇش كۇمىلىچى قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

 

ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تۈرىدىكىلەر

قۇتقۇزۇش قوراللىرى: ئىسقىرتىش، قول چىراغ ( زاپاس باتارىيە سەپلەنگەن )، نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى، يالتىراق نۇر كالتىكى قاتارلىقلار قاپسىلىپ قالغاندا قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋاقتىدا بايقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى: بىر دانە توك قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سەپلەنگەن ھەمدە كۆچمە توك مەنبەسى تەييارلانغان بولۇپ، يان تېلېفون توكىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشقا قولايلىق يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر كىچىك تىپتىكى سۆزلىشىش ئاپپاراتى تەييارلاپ، ئالاقە تورى مۇقىم بولمىغاندا، ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاش كېرەك.

يورۇتۇش ۋە سايمان تۈرىدىكى

يورۇتۇش قورالى: كۆپ ئىقتىدارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قول چىرىقى كۈچلۈك نۇر، ئاجىز نۇر، پارتلاپ چاقناش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. يەنە چاقماق، سەرەڭگە قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، قوشۇمچە يورۇتۇش قورالى قىلىشقا بولىدۇ.

سايمان تۈرى: كۆپ ئىقتىدارلىق تىغلىق ئەسۋاب، ئەتۋىركە، كۇلۇچ قاتارلىق كىچىك سايمانلارنى تەييارلاش بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئارادا بولىدىغان پىچاق ئەسۋابىمۇ بولىدۇ، قاپسىلىپ قالغاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ياكى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش سورۇنى ياساشقا ئىشلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىچىك تىپتىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ سەپلەش كېرەك.

مۇھىم گۇۋاھنامە ۋە مال – مۈلۈك تۈرىدىكىلەر

گۇۋاھنامە: كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، ئۆي – مۈلۈك گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇھىم گۇۋاھنامىلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى سۈرىتىنى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىغا سېلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا سالاھىيىتى ۋە مال – مۈلۈك تەۋەلىكىنى ئىسپاتلاشقا قولايلىق يارىتىش كېرەك.

مال – مۈلۈك: مۇۋاپىق مىقداردا نەق پۇل، بانكا كارتىسى، كرېدىت كارتىسى قاتارلىقلارنى تەييارلاش، نەق پۇل ئەڭ ياخشىسى كىچىك سوممىلىق بولۇشى، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشى كېرەك.

باشقا بۇيۇملار

تازىلىق بۇيۇملىرى: مەسىلەن، ھۆل قەغەز، قۇرۇق قەغەز، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى بۇيۇملىرى قاتارلىقلار، شەخسىي تازىلىقنى ساقلاش كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇر كارتىسى: بىر پارچە شەخسىي ئۇچۇر كارتىسى ياساپ، ئىسىم – فامىلىسى، يېشى، قان تىپى، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى، ئائىلە ئادرېسى، جىددىي ئالاقىلاشقۇچى ۋە تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىق يېزىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، يارىلانغاندا ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا، باشقىلارنىڭ ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە ھەمدە ياردەم بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.

جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى تەييارلىغاندا، سۈپىتى ئىشەنچلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بۇيۇملارنى تاللاش ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى بۇيۇملارنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ، ئۇنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى قەيەردە ساقلاش كېرەك؟

جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى تېز ئالغىلى بولىدىغان، ئاسان تېپىلىدىغان، ئەمما يەر تەۋرەش ۋاقتىدا ئۈستىگە نەرسە چۈشۈپ كەتمەيدىغان بىخەتەر جايدا ساقلاش كېرەك. ئەگەر ئائىلىدە بىر قانچە ئادەم بولسا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوخشىمىغان ئېھتىياجلارغا قاراپ سومكىلارنى تەييارلاش لازىم.

جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى مۇنتىزىم تەكشۈرۈش

جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىڭىزنى يېرىم يىلدا ياكى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك ۋە دورىلارنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ. باتارېيەلەرنى تەكشۈرۈپ، ئېھتىياجلىق بولغان بۇيۇملارنى تولۇقلاپ تۇرۇڭ.

يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى تەييارلاش ئالدىن تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ھەممە نەرسىلەرنى يۈزدە يۈز تولۇق تەييارلاش ئىمكانىيىتى تۆۋەن بولسىمۇ ، قانچە تولۇق تەييارلىيالىسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ. يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان بۇيۇملارنى تەييارلاپ، ئائىلە ئەزالىرىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلالايسىز. ھەر بىر ئائىلىدە چوقۇم بۇنداق بىر سومكا بولۇشى كېرەك، ھەمدە بۇ سومكىدىكى بۇيۇملارنى مۇنتىزىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم. ھەقىقىي ئاپەت ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، ئالدىن تەييارلىق قىلغان بولۇش قىممەتلىك ۋاقىتنى تېجەيدۇ ۋە ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-04-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-04-23 / 09:43:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ