* قارا زەنجىۋىلنى شېكەرگە قوشۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* توخۇ شورپىسىغا قارىمۇچ ، زەنجىۋىل قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئازراق سېلىپ قىزىق پېتى ئىچىپ بەرسە ياكى ئۈگرە ئاشقا سېلىپ ئىچىپ بەرسە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* ئىككى چېكە ، پېشانە ئوتتۇرىسىغا ، بۇرۇن بىلەن يۇقىرىقى لەۋ ئوتتۇرىسىغا ئازراقتىن چىش پاستىسى سۈركەپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا تىنچ تۇرسا زۇكامنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ .
* 20 تال يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ) شاكىلى بىلەن ئۈچ تال سۇڭپىيازنى يىلتىزى بىلەن ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ مۇۋاپىق قاينىتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قىزىق پېتى ئىچىپ تەرلەنسە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ناۋادا زۇكام بىلەن بىللە قوسۇش ، كۆڭۈل ئاينىش قوشۇلۇپ كەلسە ، رېتسېپقا يەنە تۆت تال زەنجىۋىل قوشۇۋەتسە بولىدۇ ، ئەگەر يۆتەل يۇتقۇنچاق ئاغرىقى قوشۇلۇپ كەلسە ، نەشپۈتتىن ئازراق قوشۇپ دەملەپ ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىمدىن ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .