ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىر ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسىغا قارىغاندا ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسىنىڭ چىش باكتېرىيە دېغىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشى ناھايىتى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى توغرا بولماي قالغان ئەھۋالدا، چىش چوتكىلاشنىڭ پاكىزلاش رولى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئەنئەنىۋىي چىش چوتكىسىغا قارىغاندا چىش باكتېرىيە دېغىنى %38 كۆپ تازىلايدىكەن، ئۇنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىش تېز، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىش ئارقىلىق، چوتكا بېشىدا يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، چىش پاستىسىنى ھەش- پەش دېگۈچە ئۇششاق كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، چىش ئارىلىقىنى چوڭقۇر تازلىيالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوتكا قىلىنىڭ تىترىشى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چىش مىلىكى توقۇلمىسىغا نىسبەتەن ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئۇۋىلاش ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتكەندە، چىش چوتكىلاش سالمىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى ياكى توغرا بولمىغان ئوڭ- سول يۆلىنىش بويىچە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنىڭ چىش ۋە چىش مىلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

لېكىن ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەندە، ئامال بار چوتكا بېشى كىچىكرەكىنى تاللاش كېرەك. شۇنداق بولغاندا چىش چوتكىسى ئېزىق چىشلارنىمۇ پاكىز تازىلىيالايدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنىڭ مەجبۇرىي ئايلىنىش ۋە تەۋرەش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئادەتتىكى چىش چوتكىسىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، چىش چوتكىلىغاندا ئادەتتىكى چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا %60 كۈچنى ئازايتىپ، زىيادە كۈچەپ چىش ۋە چىش مىلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەندە، ئاز دېگەندە ئىككى مىنۇت چىش چوتكىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ھەر بىر قاتار چىشنىڭ ئىچى، سىرتى ۋە يۈزىنى ئۈنۈملۈك تازىلاش كېرەك. بولۇپمۇ، ئاستىنقى قاتاردىكى چىش، تىل يۈزى تازىلاش تەس بولغان ۋە سەل قارىلىدىغان جايلار بولۇپ، چوقۇم پاكىز تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

بۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، چوتكىنىڭ قىلى يىرىكلىشىپ كېتىپ، چىش مىلىكىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر ئۈچ ئايدا چوتكا بېشىنى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كوئىنلون تورى
مەسئۇل تەھرىر: ئەركىنجان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:37:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ