ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىيەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۆزىنى ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۆزىنى ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۆزىنى ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي ئىنژېنېر تۇنىياز ساۋۇت بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە بەختكە قارشى كۆمۈلۈپ قالغاندا ئالدى بىلەن باش قىسمىنى قوغداش، نەپەس ئېلىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىش، ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېغىر نەرسىلەرنىڭ بېسىۋېلىپ زەخىملەندۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش، ئەگەر گاز ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ زەھەرلەش ئېھتىماللىقى كۆرۈلسە، نەم نەرسىلەر بىلەن ئېغىز بۇرۇننى ئېتىۋېلىش، قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىق، قالايمىقان ۋارقىرىماي، كۈچىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

يارىلانغان بولسا ئىمكانقەدەر جايلىق ئورۇننى تېڭىپ قاننى توختىتىش كېرەك. مەسىلەن، باش قىسمى يارىلانغان بولسا گالىستۇك ياكى كىيىمىنى يىرتىپ تېڭىش، ئەگەر سۇنۇش كۆرۈلسە، مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن سۇنغان ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەگەر بەدىنىدە يارىلىنىش سەۋەبىدىن قاناش كۆرۈلسە ئۆزىدە بار نەرسىلەر بىلەن جايلىق ئورۇننى تېڭىپ قان توختىتىش كېرەك.

باشقىلارنى قوتقۇزۇشتا، قۇتقۇزغۇچىلار ئالدى بىلەن كۆمۈلۈپ قالغانلار بار ئورۇننى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قۇتقۇزۇش كېرەك. ئالدى بىلەن ئاسان قۇتقۇزغىلى بولىدىغاننى قۇتقۇزۇش كېرەك. بۇنىڭدا قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش، ئالدى بىلەن باش تەرىپىنى ئېچىش، ئاندىن تېزلىكتە ئېغىز بۇرنىدىكى توپا – چاڭلارنى تازىلاپ، تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن كولاپ چىقىرىش، ئۆتكۈر نەرسىلەر بىلەن قازماسلىق كېرەك. كۆمۈلۈپ قالغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، ئالدى بىلەن ئۇسسۇلۇق كىرگۈزۈش، ئاندىن بىر تەرەپتىن كولاپ، بىر تەرەپتىن مۇقىملاشتۇرۇش، كۆمۈلۈپ قالغۇچىنىڭ كۆزىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش، ئەگەر يارىلانغۇچىنىڭ بەل ۋە بويۇن ئومۇرتقىسى يارىلانغان بولسا، قوپاللىق بىلەن تارتماسلىق، شال ياكى قاتتىق تاختايلارغا ياتقۇزۇپ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش، ھەرگىزمۇ يۈدۈپ يۆتكىمەسلىك كېرەك. ئېغىر يارىدارلارغا نىسبەتەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، ئاندىن تېزلىكتە دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:38:43

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ