كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ، داغ ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ، قورۇق ، كۆز خالتىسى ، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشقا ئوخشاش.
شۇڭا رادىياتسىيەسى تۆۋەن ، پارقىرىمايدىغان ، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپىيۇتېرنى سەپلەش كېرەك . ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرا بولسا تېخىمۇ ياخشى .
كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا يۈزگە ئاسراش مېيى ، ئۇپا تەگلىكى قاتارلىقلارنى سۈركۈۋېلىش كېرەك .
ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار ، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك .
ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇش كېرەك . چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
پولات ئامانيار تەرجىمىسى