ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا ئۇخلاش سالامەتلىككە زىيانلىق

كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا ئۇخلاش سالامەتلىككە زىيانلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نورمال ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۈندۈزى يۇقىرى كېچىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولسا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، ئادەمنىڭ كۆز ۋە نېرۋا سىستېمىسى كۈچلۈك غىدىقلىنىپ، ئەسلىدە تۆۋەنلەشكە تېگىشلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ – دە، ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن ئىككى سائەتبۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

ئىمكانىيەت يار بەرسە، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور ياكى يان تېلېفوننى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش ياكى بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچىپ ئۇخلىيالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە كومپيۇتېر ئىشلىتىش يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، قىسمەن ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ئازىيىش، سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەددىدىن يۇقىرى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيە بۇلغىنىشى كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى بۇلغىنىشى ئادەم بەدىنى ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش، مېتابولىزم(ماددا ئالمىشىش) قاتارلىق ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئادەم بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-09-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:51:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ