ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەريەتتە 7 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

يەتتە 7 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز 7 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. توردىكى تالاش تارتىشلار بېشىڭىزنى بەك ئاغرىتىۋەتكەن بولسا، ساغلاملىققا ئائىت بۇ قىسقا فىلىمىمىز مېڭىڭىزنى بىراز ئارام ئالدۇرسۇن. قېنى ئەمسە باشلايلى.

 

7 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

7 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى:  41.7 – 46.3 سانتىمېتىر

بوي ئۇزۇنلۇقى:  65 – 73.2 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى:  6700 – 10200 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

7 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

7 ئايلىق بوۋاق ئانا سۈتى بىلەن بىرگە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. قوشۇمچە يېمەك باشلانغاچقا، كېچىدە بەك قوسقى ئېچىپ كەتمەيدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پەقەت بوۋاقلارنىڭ ھەرىكىتى كۆپەيگەچكە، كەچراق ئۇخلاپ قېلىشى مۇمكىن.

7 ئايلىق بوۋىقىڭىز، ئۆز ئالدىغا ئۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۆمىلەشكە باشلايدۇ. ياردەم قىلمىسىمۇ راھەت ئولتۇرالايدىغان بولۇشقا باشلايدۇ. بېشىنى بۇراپ ئىككى يانغا قارىيالايدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتكۈزۈشكە تەمشەلگەندە، بوۋاق يەرنى دەسسىگەن ھامان سەكرەش ھەرىكىنى قىلىدۇ. كۆپ ھەجەلىق ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. چوڭراق يېنىك جىسىملەرنى قولىغا ئېلىپ، بىر قولىدىن يەنە بىر قولىغا ئالماشتۇرالايدۇ. ياخشى ئۆگەتسە ئىستاكاندا سۇ ئىچەلەيدىغان بولىدۇ. ئەينەككە قاراپ خوش بولىدۇ. تەلەپ قىلغىنىنى قىلمىسا يىغلايدۇ. تونۇش بولمىغان چىرايلارنى كۆرسە ياتسىرايدۇ، قورقۇپ يىغلايدۇ.

 

7 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بوۋاق تولا يىغلىشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەپ، يا قوسقى ئاچ، يا بەدىنىنىڭ بىر يېرى ئاغرىپ بىئارام بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئىككى نوقتىغا بەك دىققەت قىلىڭ.
  2. بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتىنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن دورىسىنى داۋام قىلىڭ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، سىڭىشچان بولغانلارنى ئالدىنقى قاتاردا تاللاڭ. كۆكتاتلار بىرىنجى تاللىشىڭىز بولسۇن. مەسىلەن: ياڭيۇ، يېشىل پۇرچاق، سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى.. قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە قوشسىڭىز بولىدۇ. بەك مايلىق تاماقلارنى ھازىرچە بەرمەڭ.
  3. يېڭى يېمەكلىكلەرنى قوشقاندا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيە ئالامەتلىرى بولامدۇ بولمامدۇ بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئەگەر رىئاكسىيە قىلسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ، ھەم قايسى يىمەكلىككە ياكى بويۇمغا رىئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى يولدىشىڭىز، ئايالىڭىزغا ۋاقتىدا دەپ قويۇڭ، ھەتتا خاتىرىلەپ توڭلاتقۇنىڭ تىشىغا چاپلاپ قويۇڭ.
  4. بۇ ئايدا ۋاكسىنىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ.
  5. پۇت قول ھەرىكەتلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئەگەر ئاسانلا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسە، شۇ تەرەپتىكى پۇت ۋەيا قولنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بولسا دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
  6. ئۆي ئىچىدىكى كىچىك بويۇملارنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا ئۆرۈلۈپ بېرىپ ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋېلىشى مۇمكىن.
  7. ھەر ئاخشام ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.
  8. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:50:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ