بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 6 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. بولسا قۇلاقلىق تاقىۋېلىپ، قاچا قۇمۇشلارنى يۇيغاچ بىز بىلەن 6 ئايلىق بوۋاقتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
6 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى
6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى: 41 – 45.6 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 60 – 72 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6500 – 9500 گىرام
6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى
6 ئايلىق بوۋاق بىر كۈن ئىچىدە، ھېلىھەم 12 – 14 سائەتكىچە ئۇخلىشى مۇمكىن. بۇ ئايدىن باشلاپ ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. شۇڭا قوشۇمچە ئوزۇقلۇق باشلاش ۋاقتى كەلدى.
بۇ ئايدىن باشلاپ كۆپىنچە بوۋاقلار تايانچسىز ئولتۇرالايدىغان بولالايدۇ. ئولتۇرغاندا بېشىنى راھەت تۇتۇپ تۇرالايدۇ، يەنى بوۋاقلارنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقىدا راھەت ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتكۈزۈشكە تەمشەلگەندە، بوۋاق پۇتى بىلەن يەرنى دەسسەپ باقىدۇ. ئەمما تېخى ئۆز ئالدىغا تۇرالمايدۇ.
تۈگمىدەك كىچىك نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ، تۇتۇشقا تىرىشىدۇ ئەمما تۇتالمايدۇ. تاق ھەجەلىك ئاۋازلارنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. يۇقىرى ئاۋازدا كۈلىدۇ. سۈت پوتۇلكىسىنى ئىككى قول ئارقىلىق تۇتالايدىغان بولالايدۇ.
ئەتراپىدا دادىسى ئاپىسى بولماي قالسا، ياكى گەپ قىلىپ بەرمىسە ئوينىتىپ بەرمىسە ئىچى سىقىلىشقا باشلايدۇ. ئاپىسىنى ۋە تاماقنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ.
6ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:
- 6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلغان چاغدىكى ئېغىرلىقنىڭ 2 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنى ئۆزىڭىز ھېساپلاپ چىقىرالايسىز.
- بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتىنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن دورىسىنى داۋام قىلىڭ. ئەمما ئانا سۈتى ئەمدى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا قوشۇمچە ئوزۇقلۇق باشلاش ۋاقتى كەلدى. قوشۇمچە ئوزۇقلۇقنى ئاۋۋال يەككە يىمەكلىك بىلەن باشلاش ۋە كۈندە بىر ئىككى قېتىم بەرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن سەۋزە، ئالما، پەمىدۇر، نەشپۇت، بانان… قاتارلىقلارنى ئايرىم ئايرىم باشلاش كېرەك. 3-4 كۈندە بىر يېڭى يىمەكلىكنى قوشسىڭىز بولىدۇ. ئەمما باشلىنىشتىلا ئارىلاشتۇرۇپ بەرمەڭ.
- بوۋاق 1 ياشقا كىرگىچە ھەرگىز ھەسەل بال بەرمەڭ.
- بۇ ئايدا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ۋاكسىنىلىرى بار، ۋاكسىنا بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى، بويى ۋە كىلو ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى، كىلو ئېغىرلىقى ۋە بوي ئۇزۇنلۇقى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ.
- بوۋاققا ئۆيدىكىلەرنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ، قاراڭ دادا، قاراڭ بۇ ئاپا، بۇ بوۋا … دىگەنلەرنى كۆپرەك دەپ بېرىڭ. پۇت قول قۇلاق بۇرۇن لارنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
- ياخشى كۆرگەن بىر ئويۇنچۇقىنى تېپىشقا ئاسان بولغان يەرگە تىقىپ قويۇپ، بوۋاقنىڭ ئىزدەپ تېپىشىغا ياردەمدە بولۇڭ.
- قۇلاق ئاڭلاش سېزىمى تەكشۈرۈشىنى ئەڭ كەچ مۇشۇ ئايغىچە قىلىپ بولۇڭ. بۇ تەكشۈرۈشنى قانچە بالدۇر قىلدۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى.
- 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.
قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.