ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزتۈركىيەدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە قانداق كىشىلەر بارىدۇ؟

تۈركىيەدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە قانداق كىشىلەر بارىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۈركىيەدىكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قانداق كىشىلەر بارىدۇ؟ بۈگۈن بۇ توغرىلىق بىراز مەلۇمات بېرىمىز.

تۈركىيە دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ھەرقانداق ئادەم كەلسە قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. مەيلى سۇغۇرتىسى بولسۇن بولمىسۇن، ھەرقانداق بىمارغا ياق كەلمە دىيەلمەيدۇ. ئەگەر تۈركىيەدە ئىناۋەتلىك سۇغۇرتىڭىز بولسا تەكشۈرۈش داۋالاشنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەقسىز بولىدۇ. سۇغۇرتا بولمىغان تەغدىردىمۇ دۆلەتلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئۇنچىۋالا كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ.

جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرلىرنىڭ ۋەزىپىسى شۇ كەلگەن بىمارلارنىڭ ئىچىدە كىملەر ھەقىقىي جىددىي ئەھۋال شۇلارنى تېپىپ چىقىپ، لازىملىق داۋالاشنى ئېلىپ بېرىشدۇر.

تۈركىيەدىكى جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆپ كىلىدىغان ئەمما جىددىي بولمىغان كېسەللىكلەر:

   
بوغاز ياللۇغى

 

ئانگىنا

زۇكام

زىققە سەۋەپلىك نەپەس قىسىلىش

ئىچى سۈرۈش

ئۈچەي ياللۇغى

قەۋزىيەت

قۇسۇش

ئاشقازان ياللۇغى

كۆز ۋە قاپاق ياللۇغى

ئىچ ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى

چىش ئاغرىقى

 

تېرە ياللۇغى

 

تىرناق ياللۇغى

بويۇن بەل ئومۇرتقا ئاغرىقلىرى

بۆرەك تېشى ئاغرىقى

سۈيدۈك يولى ياللۇغى

باش قېيىش

شەقىقە

پىسخىكىلىق مەسىلىلەر

قۇلاق پوقى تولۇپ قىلىش

ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش

ئېسىمگە كەلمىگەن باشقا يېنىك ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەر

 

تۈركىيەدە جىددىي قۇتقۇزۇشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ 95% مۇشۇ تۈردىكى كىشىلەردۇر. چۈنكى بۇ يەردە دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە نومۇر ئېلىش بىراز تەس، شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر بەدەندە كىچىك بىر كېسەللىك ئالامىتى بولغان ھامانلا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۈگۈرەيدۇ.

قانۇن بويىچە، بۇلارغا ياق دىگىلى بولمىغاچقا بۇلارنى قوبۇل قىلىمىز. ئەمدى بۇلارنى داۋالاش بىر قەدەر ئاسان. لازىملىق دورىلارنى يېزىپ بېرىمىز. ئەگەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بەدىنىدە بەزى ئالامەتلەر بولسا، مەسىلەن ئاغرىش، قىززىش دىگەندەك، شۇلارغا پايدا قىلدىغان كاسسا ئۇكۇلى ياكى ئاسما ئوكۇل ئۇرىمىز ئاندىن قولىغا دورا رىتسىپ يېزىپ بېرىمىز. دورىلارنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە بېرىپ قايتا كۆرۈنۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەمدى ھەقىقەتەن بولغان بىمارلارمۇ كېلىدۇ .مەسىلەن بۇلار:

  1. يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلار (بۇ خىل بىمارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئېلىپ كىلىدۇ)
  2. يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلار
  3. تۇيۇقسىز پالەچ بولۇپ قالغانلار.
  4. قاتناش ۋەقەسى، كېسىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن جىددىي قان چىقىپ كەتكەنلەر ياكى سۆڭەك سۇنغانلار.
  5. تۇغۇت
  6. بالا چۈشۈپ كىتىش
  7. قورساق قىسىمدىكى جىددىي كېسەللىكلەر: مەسىلەن جىددىي سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، جىددىي ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆت يولىغا تاش تىقىلىپ قىلىش، جىددي جىگەر زەئىپلىشىش، بۆرەك زەئىپلىشىش ، ئۈچەي ئاشقازان يوللىرى تىشىلىپ كەتكەنلەر.
  8. ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى بولغانلار، ئۆپكە تىشىلىپ كەتكەنلەر، ئۆپكە قان تومۇرلىرى كەپلىشىپ قالغانلار.
  9. ئاشقازان قاناش، ئۈچەي يوللىرى جىددىي قاناش يۈز بەرگەن بىمارلار ھەم باشقا ھازىر ئېسىمگە كەلمىگەن جىددىي كېسەللىكلەر بار.

جىددىي قۇتقۇزۇشتا 5% بىمارلار مۇشۇ ھەقىقىي بىمارلاردۇر.  بىز بۇ بىمارلارنىڭ ئالامەتلىرىنى سوراش، كېسەل تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش، قان، كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش، رېنتىگىن، سى تى ياكى م ر تارتىمىز، ھەتتا كېسەل ئەھۋالى ئېغىر ھەم مۇرەككەپ بولغانلار ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمنىڭ دوختۇرىنى چاقىرىپ كېلىپ بىمارنى كۆرسىتىمىز. دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن كۆپىنچىسىنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمدە ياتقۇزۇپ داۋالاتقۇزىمىز. چۈنكى بۇ تۈردىكى بىمارلارنى ئۆيگە قايتۇرۋەتسەك، ئۆلۈم خەۋپى بولىدۇ.

شۇڭا ئۇيغۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىشتىن ئەيمەنمەسلىك لازىم. بەدىنىڭىزدە ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا چوقۇم بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ. كىملىكنى چوقۇم ئېلىۋېلىڭ. سۇغۇرتىڭىز بولمىغان تەغدىردىمۇ، دۆلەتلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ دەسلەپكى نەتىجىسى چىقىپ بولغىچە كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ. ئەگەر تۈركچىنى ياخشى بىلمىسىڭىز يېنىڭىزغا تۈركچىنى بىلىدىغان بىرسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇشتا پەقەت كۆپىنچە جىددىي بولغان كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوزىنى قويالايدۇ. باشقا جىددي بولمىغان، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى تاپالمايدۇ ۋە ياكى ئۈنۈملۈك داۋالىيالمايدۇ. ئۇلارنى ئادەتتە  ئامبۇلاتورىيەدە ياكى ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى يەنى ساغلىق ئوجاغىدا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ دىئاگنوز قويىدۇ، داۋالايدۇ ھەم كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئالدىنى ئېلىش، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم.

بەدەندە قايسى ئالامەتلەر بولغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش توغرىلىق مەزمونلارنى يەنە بىر لىكسىيەدە تونۇشتۇردۇق . ئۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:25:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ