ئانا دەم ئېلىش كۈنلىرى كەلسىلا بەش ياشلىق قىزىنى كىتاپخانىغا ئاپىراتتى قىزى بالىلارنىڭ ھەر خىل رەسىملىك كىتابلىرى تىزىلغان ئورۇندا ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈشكە باشلايتتى ئانا ئۆزىمۇ قىزىغا كۆز-قۇلاق بولغاچ ئۆزىمۇ بېرىلىپ كىتاب ئوقۇيتتى كىتاب ئانىنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى ئۇنتۇلدۇراتتى، يەنە ھەم ئۆزەمنى ھەم بالامنى تەربىيەلەۋاتىمەن دەپ ئويلايتتى شۇڭا، مۇشۇ كۈنلەردە كىتاب ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ناھايىتى ياخشى ھەمرايىغا ئايلانغان ئىدى
ئانا بالىسىغا قاراپ قويدى، بالىسى ئۆزى بىلەن تەڭ قۇراملىق دېگۈدەك بىر ئوغۇل بالا بىلەن يانداش ئولتۇرۇپ، بىرىلىپ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئانا ئۆزىنىڭ ئاشۇ بالىلاردەك غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم بولغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. ئانا بالىسىنىڭ غەمسىزلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى ئويلاپ قېلىپ، ئۆزىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويغاچقا، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنى يەنە ئىچىدە قارغاشقا باشلىدى. دەسلەپتە توي قىلغان ئەرنىڭ كىيىن قانداق ئاينىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەجەپ بىلگىلى بولمايدىكەن، ئىچىنى تىڭشاپ قالدى. يەنە تۇرۇپلا پىسخىكا كىتابلىرىدىن كۆرگەن قەيسەر بولۇشنى، رىئاللىققا يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان پىكىر-ئۈگەتمىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن دەرھال ئۆزگەرگەن ھېس-تۇيغۇلار ئېسىگە كېلىپ قالاتتى.
ئۇ ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى، ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالىنىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدىكى كىتابلارنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، پىسخىكا بىلەن ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئوقۇغان كىتابتىكى پىسخىكا بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھالىنى سېلىشتۇراتتى. مىجەز-خارەكتېرىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولاتتى. ئوقۇغان پىسخىكىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئارقىلىق ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسىنى چۈشۈنىۋېلىپ ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك سىزەتتى. بۇ كىتابلارنى ئوقۇغانسىرى ئۆزىنىڭ مەسىلىدىن قاقشاپ يۈرىۋەرمەي، بەلكى مەسىلىگە يۈزلىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى. نەچچە ۋاقىتتىن ئازاپ-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلالماي قانداق قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەردە، مۇشۇنداق پىسخىك تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇماي يۈرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىناتتى.
ئانا قىزىنىڭ يېنىدىكى ئوغۇلبالا بىلەن قوللىرىدىكى كىتابلىرىنى بىر-بىرسىگە كۆرسۈتۈپ بالىلارچە پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئوغۇلبالىنىڭ يېنىدا دادىسى بولسا كېرەك، ئىككى بالىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئانىمۇ قولىدىكى پىسخىك تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابنى كۆتۈرگىنىچە قىزىنىڭ يېنىغا باردى. ئوغۇلبالىنىڭ دادىسىنىڭ قولىدا ئائىلە-نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب تۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرسىگە يەڭگىل باش لىڭشىتىپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ سالاملاشتى. بالىلىرىنى كىتابخانىغا ئەكەلگەن ئانا بىلەن دادىنىڭ ئۇچرىشىشى مۇشۇنىڭدىن باشلاندى. غەمسىز ئىككى بالا ئىككى دەرتمەن چوڭ ئادەمنىڭ تۇنۇشىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ئىككى بالا يەنە كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى خۇددى ھالىغا يېتىدىغان مۇڭداشقاق ئىزدەپ يۈرۈشكەندەك، ساناقلىقلا بىر نەچچە ئوقۇرمەنلىرى تۇرغان كىتابخانىنىڭ بىر چېتىگە بېرىپ تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇغان كىتابلىرى توغرىلىق قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئىككى بالىنىڭ بىرلىكتە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىشى بىلەن، ئۇلار ھەممىسى بىللە بولۇپ كىتابخانىدىن چىقىشتى. كۈن چۈش بولغان ئىدى. ئەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئانا-بالىنى بىللە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار تاماق يىگەچ مۇڭداشتى، بىر-بىرسىنىڭ ئەھۋالىدىن دەسلەپكى قەدەمدە خەۋەردار بولۇشتى، تېلىفۇن نومۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشىپ، ئۈندىدارلىرىنى قېتىۋېلىشتى.
ئەر ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى باشلىغاندا، ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بەرگەنلىكى، ئەر خوتۇنىغا قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تولا سۆزلەپ قايىل قىلالمىغانلىقى، خوتۇنىنىڭ ئاتا-ئاناڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرماي ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرسۇن دەپ بىشەملىك قىلىپ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىمىگەن ئايال بالىلارغا ئانا بولۇشقا لايىق كەلمەيدۇ، ئەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى قىلمىغان خوتۇن ساپالىق خوتۇن ئەمەس، ساپاسىز ئايال بىلەن ئائىلىدە بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرگىلى بولمايدۇ دېگەن قاراش بىلەن، ئوغلىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەر يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم ھالدا يېنىدا تۇرغۇزۇپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن قولىدىن كېلىشىچە ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتاتتى. ئايالمۇ يولدىشى تولا ھاراقكەشلىك قىلىپ قالايمىقان سورۇنلارغا بېرىپ يۇقتۇرۇپ كەلگەن ئەيدىز ۋىروسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ قويغاچقا، ھەم خاتالىقىنى تۇنۇغىلى ئۇنىمىغاچقا، ساداقەت، ئىشەنچ بولمىغان ئائىلە-نىكاھتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، قىزىنى ئېلىپ قېلىپ ئاجرىشىپ كېتىپ ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئىدى.
ئەر ئايالنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، قورقۇپ قېچىپ كەتمەي ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولدى، ئىچى ئاغرىپ ھالىغا يەتتى، قەيسەر-ئۈمىدۋار بولۇشنى ئېيىتتى، نۇرغۇن ياخشى ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى. ئەرنىڭ كەسپى دوختۇر بولۇپ ئەيدىز كېسىلىنى چۈشۈنەتتى. شۇڭا، ئايالغا خۇددى ئۆزى داۋالاۋاتقان بىمارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. ئايال ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى دېگەندىن كىيىن، ئويلىغىنىڭ ئەكسىچە، ئەرنىڭ تېخىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلاردىن باشقىلار ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ، ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى كەمسىتىدۇ، چەتكە قاقىدۇ، خۇددى دەرھال ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويىدىغاندەك نەپرەتلىنىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئەكسىچە، ئەر ئۇنىڭدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قۇيۇۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. ئايالنىڭ كەسپى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ئەخلاققا، تەلىم-تەربىيەگە، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە بەك ئەھمىيەت بەك بىرەتتى. شۇڭا، ئۆزىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەندە، ئىلگىرىكى يولدىشى بىلەن جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىدىن تېپىۋالغان دەرت-ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغاندەك يەڭگىللەپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىش» مۇشۇنداق بولسا كېرەك.
ئۇلار دائىم ئالاقىلىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، مۇڭدىشىدىغان، بىرلىكتە بالىلىرىنى كىتابخانىغا ئەكىلىدىغان بولۇشتى. «بىر ياخشىغا بىر يامان» دېگەندەك ئۇلار ئىلگىرىكى ھەمرالىرىدىن كۈتمىگەن يەردىن يەتكىدەك دەرت تارتىۋالغان بولغاچقا، مانا ئەمدى بۇ ئىككىيلەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزئارا چۈشەنگەن ھەم كۆيۈنگەن ھالدا مۇڭدىشالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئەخلاق بىلەن مېھرىبانلىق توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا ئۇلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىپ، بىر-بىرسىگە قايىللىق نەزىرىدە تىكىلىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتەتتى.
ئەر ئايالنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ بەدىنىدىكى ئىممۇنېت ھۈجەيرىسىنى ئۆلچۈتۈپ تۇردى، ھەم ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى ئىزچىل دورا يىيىشىگە قارىتا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، ئايالغا ھەرقايسى جەھەتلەردىن بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردىمىنى ئايىمىدى. شۇنداقلا، ئايالمۇ ئەرنىڭ قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇنۇشتى، چوڭلار بىلەن ھال مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماقلارنى ئېتىپ بەردى. ھەتتا، ئەرنىڭ ئانىسىنىڭ مۇنچىدا يۇيۇنىشىغا ياردەملىشىپ، موماينىڭ باش-چاچلىرىنى يۇيۇپ تاراپ قويدى. شۇنداقلا، ئەرنىڭ ئوغلى بىلەن ئايالنىڭ قىزى دائىم بىللە ئوينىتىشقا ئاپىرىشنى ئاتا-ئانىلىرىدىن دائىم تەلەپ قىلىشىدىغان ئوماق كىچىك دوستلاردىن بولۇپ قالدى.
مۇشۇنداق بىرەر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىزدىشىپ-ئارىلىشىپ يۈرگەندىن كىيىن، ئەر ئايالنىڭ ھەقىقەتەن تەربىيە كۆرگەن ئىسىل پەزىلەتلىرىدىن ئىختىيارسىز قايىل بولۇپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ئەر مۇھەببەتنىڭ ئادەمنىڭ جىسمىدا ئەمەس، بەلكى پاكىز قەلبىدە، ئىسىل روھىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن مۇھەببەتلىك خەۋەر ئېلىش، يالغۇز ئوغلىنى تەربىيە كۆرگەن ئانا قولىدا تەربىيەلەش، يەنە بىر بالىلىق بولماسلىق ئويى بىلەن قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئاخىرى ئايالغا توي قىلىش تەكلىۋى قۇيۇش قارارىغا كەلدى. ئەردىكى ئايالغا بولغان مۇھەببەت ئايالنىڭ جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىدىن ئۈستۈن كەلدى. چۈنكى، ئەر دوختۇرلۇق كەسپى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىروسىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىشنى بىلەتتى. ئەسلىدە ئايالنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈلۈش، قەدىرلىنىش، مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بار ئىدى. ئايال ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالسا ھەم كەمسىتىلسە ئۇنىڭغا قاتتىق ئۇۋال بولغان بولاتتى.
ئەمما، ئەرنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان ئايالغا توي قىلىش تەكلىۋى قۇيۇش كەسكىن قارارى ئايالنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئايال تەرىپىدىن چىرايلىقچە رەت قىلىندى. شۇنداقتىمۇ، ئەر مۇھەببەت مۇھىممۇ، ئەيدىزمۇ؟ دېگەن سۇئالغا ئايالنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.