يۈرەك مۇسكۇلى
Caridiac muscle
心肌
kalp kası
پەقەت يۈرەكتىلا بولىدۇ، ئىستەكسىز قىسقىراپ كېڭىيىدۇ. يەنى ئۆز خائىشىمىز بىلەن بۇيرۇق بېرەلمەيمىز. ئۆزى ئاپتۇماتىك قىسقىراپ كېڭىيىش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز يۈرىكىمىزگە مىنۇتىغا 10 قېتىم سوققىن، 150 قېتىم سوققىن دەپ مېڭىمىزدىن بۇيرۇق بېرەلمەيمىز. پەقەت بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن سوقۇش سانىنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار 3 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ 3 چوڭ تۈردىكى مۇسكۇللارنىڭ ئىچىدىكى تۈزۈلۈشىدىكى ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان مۇسكۇل تالاسىدا ئوخشىماسلىق بولىدۇ.