بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى قايسى ياش گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى كۆپىنچە ياشلاردا، ھامىلىلەردە، ئاياللاردا، سېمىزلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر ئاز. ھەم بۇ كېسەللىك بولغان كىشىلەر كۆپىنچە بۇ ئەھۋالنى يۈرەك كېسىلى، ياكى ئاشقازان ياللۇغىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ بەك ئەنسىرەپ قالىدۇ.
بىزگە ئۇچۇر قىلغان كۆپىنچە تورداشلارنى دەل مۇشۇ كېسەللىك بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ھەم كۆپىنچىسى بىزنىڭ ياشلاردا بولغاچقا، بۇ كىسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يۈرەك كېسىلىمىكىن دەپ زىيادە ئەنسىرەپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ياش تورداشلارنىڭ بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.