سېلسىيە گىرادۇس ئىسسىقلىق ئۆلچەش بىرلىكى بولۇپ، 1742 يىلى شىۋىتسىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئەندىرسون.سېلسىيۇس ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئارقىدىن كۆپ قېتىم تۈزىتىشلار كىرگۈزۈلگەن. سېلسىيە گرادۇسنىڭ مەنىسى 1 ئۆلچەملىك ئاتموسفېرا بېسىمىدا ، ساپ مۇز-سۇ ئارىلاشمىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 0 سېلسىيە گرادۇس ، سۇنىڭ قايناق نۇقتىسى 100 سېلسىيە گرادۇس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
سېلسىيە گرادۇس تېمپېراتۇرا ئۆلچىمىنىڭ بىرلىكى °C بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان تېمپىراتۇرا ئۆلچىمى ھىساپلىنىدۇ.