تاپان ئاغرىقىنى توختىتىش پۇتنى دائىم ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە، پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاپان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ پېدىگەن يىلتىزىنى سۇدا بىر قانچە مىنۇت قاينىتىپ، بىر ئاز سوۋىغاندىن كېيىن تاپان قىسمىنى چىلاپ، ئاغرىغان ئورۇننى قايتا – قايتا ئۇۋۇلاپ بەرسە ئاغرىقنى توختىتىدۇ
بىر پارچە خىش (كېسەك) نى مەش ئۈستىگە قويۇپ، قىزىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپ، ئاغرىۋاتقان تاپان بىلەن خىشقا دەسسەپ بەرسىمۇ ئاغرىق توختايدۇ.
پەي تارتىشىشنى تۈگىتىش پەي تارتىشىپ قالغاندا ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە پۇتنى تۈز سوزۇپ، تارتىشىپ قىسقىرغان مۇسكۇللارنى سەل كۈچەپ تارتسا، تارتىشىپ قالغان پەيلەر بوشايدۇ ۋە ئاغرىقمۇ يوقايدۇ.
سانجىق تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سانجىق تۇرۇپ قالغاندا، ئاۋۋال چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئاندىن نەپەسنى توختىتىپ، مۇشتۇمى بىلەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا كۆكرەكنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىگە يېنىك ئۇرۇپ، ئاستا – ئاستا چوڭقۇر نەپەس ئالسا بولىدۇ ياكى چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن باشقىلارنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ دۈمبە قىسمىغا يېنىك ئۇرغۇزسا ۋە ياكى كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ قايتا – قايتا دومىلىسا، ئاغرىق ئاستا – ئاستا توختايدۇ.