سۇ زۈلۈكى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил



ئۇيغۇرچە: سۇ زۈلۈكى
ئىنگىلىزچە: Leech
خەنزۇچە: 水蛭

تۈركچە: Su sülüğü
باشقا تىللاردا:


سۇ زۈلۈكى

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
سۈلۈك، زۈلۈك

Leech

ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:

水蛭

خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:

Su sülüğü

تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Sülük

سۇ زۈلۈكىنىڭ ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ياشاپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگو نىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى.

سۇ زۈلۈكى

تونۇشتۇرۇلۇشى

سۇ زۈلۈكى، ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى، ئۇنى قۇرۇتۇپ چىلىغاندىن كېيىن جۇڭگو تېبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ، سەكتە، يۇقىرى قان بېسىمى، خۇن چىگىلىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردا بايقالغان زۈلۈك يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە دورا ئۈنۈمگە ئىگە.

تارىختا تەبىئىي تۇتۇش ئاساس قىلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك «ئۈچ كېرەكسىز»نىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ياۋا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ زۈلۈكمۇ ئازىيىپ كەتكەن، دورىلىق قىممىتىنىڭ چوڭقۇر ئېچىش، بازار ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى 1995-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەبىئىي بېلىجانلىرىنى تۇتۇش باشلانغان، تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىپ، مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. شىمالدىكى رايونلارنىڭ باقمىچىلىق ۋە تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىزچىل مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ باقمىغان.

 

سىرتقى شەكلى

زۈلۈكنىڭ تېنى سەل ياپىلاق، سىلىندىرسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 ~ 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 ~ 2 مىللىمېتىر. ئارقا تەرىپى يېشىل قارا، 5 تال ئۇزۇن سېرىق سىزىقى بار، قورسىقى تۈز، كۈل رەڭ يېشىل، ئالا-چىپار يوق، ئومۇمىي ھالقا سىزىقچىلىرى روشەن، تەن بوغۇمى بەش ھالقا، ھەر بىر ھالقا كەڭلىكى ئوخشاش.

10 كۆزى بار، ∩ شەكىلدە تىزىلغان بولۇپ، ئېغىزى ئىچىدە ئۈچ يېرىم چەمبەر ئايلانمىسى بىر Y شەكىللىك تاڭلاي پلاستىنكىسى بار، ئۇ ھايۋان تېنىنى شۈمۈرگەندە، تاڭلاي پلاستىنكىسى ئارقىلىق تېرىگە كىرەلەيدۇ، گەۋدىسى چوڭ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 ~ 120 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 13 ~ 14 مىللىمېتىر. ئارقا تەرىپى سۇس يېشىل رەڭدە، بەش تال ئۇزۇنسىغا كەتكەن سىزىقچە بار، قان شوراپ، يۇتقۇنچاق قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ھەم پۈتكۈل ھەزىم قىلىش يولى ۋە ساقلاش خالتىسىدا ساقلايدۇ. بەدەننىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە چىقىرىۋېتىش تۆشۈكى بار، ئېغىزى قورسىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە. ئىككى جىنىسلىقنىڭ كۆپىيىش تۆشۈكىنىڭ ئارىلىقى تۆت ھالقا، ھەر قايسى ھالقىسى بىلەن چەمبەر ئوتتۇرسىدا ئېغىز ئېچىلغان. ئالدى تەرەپتىكى شورىغۇچى تەخسىسىنىڭ بىرقەدەر روشەن، كېيىنكى شورىغۇچى تەخسىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك.

 

تۈرلىرى

ياپونىيە زۈلۈكى، كەڭ تەنلىك سېرىق زۈلۈك، چاي رەڭ زۈلۈك قاتارلىقلار بار.

 

تارقىلىش ئەھۋالى

شەندۇڭ ۋېيشەن، دۇڭپىڭ، نەنياڭخۇ كۆلى قاتارلىق كۆللەردە، ۋېيشەنخۇ كۆلىدە مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ، مەزكۇر ئۆلكىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، شەرقىي شىمال، خېبېي، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى شەھەر ئەتراپى، ۋۇشىيەن قاتارلىق جايلاردا يەنە بىر قىسمى سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭ، ئەنخۇي، خۇانەن، كوخوگۇ، سىچۇەن، شەنشى، خېبېي، لىياۋ نېڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ ھەممىسى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدۇ.

 

ياشاش مۇھىتى

سۇ زۈلۈكى شاللىق، ئـۆستەڭ، سازلىق، ئازگال قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، تېيىز سۇخۇمار ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ، ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان، دولقۇنسىمان ئۈزىدۇ، قۇرۇتلاردەك ئۆمىلىيەلەيدۇ. ھەر يىلى باھار ئىللىغاندا دەرھال جانلىنىدۇ، تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كۆپ ھاللاردا قىرغاققا يېقىن نەم توپىدا يىمەي، مىدىرلىمايدۇ ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك.

سۇ زۈلۈكى بوغۇم تەنلىك سوغۇق قان ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدىشى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تاتلىق سۇ ئامبىرى، ئـۆستەڭ، سۇلۇق ئېتىز، كۆل، سازلىقلاردا، ئورگانىك ماددا مول بولغان كۆلچەك ياكى بۇلغانمىغان دەريا ئىچىدە ئەڭ كۆپ ياشايدۇ. يېرىم كۆپىيىشىگە مۇۋاپىق بولغان تېمپېراتۇرىسى ℃10 ~ 40، شىمال رايونلىرىدا ℃3 تۆۋەن بولغان چاغلاردا سېغىز توپىغا كىرىپ قىشلىق ئۇخلايدۇ، كېيىنكى يىلى 3 ~ 4 ئايلاردا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا يۇقىرى بولغاندا ئويغىنىدۇ.

ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چان ساقلايدۇ، ئادەتتە سۇدىكى لەيلىمە جانلىقلار، قۇرت-قوڭغۇز، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى ئاساس قىلىدۇ، سۈنئىي شارائىتتا ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، پىششىق تۇخۇم سېرىقى، ئارىلاشما يەم-خەشەك، ئۆسۈملۈك قالدۇقى، تاتلىق سۇ قۇلۇلىسى، قۇلۇلىلەر، بېلىقلار تۈرلىرى، سازاڭ قاتارلىقلارنى يەمچۈك قىلىدۇ.

 

كۆپىيىش ئەھۋالى

زۈلۈكنىڭ كۆپىيىش ئادىتى بىر تەندە، يات تەن ئارقىلىق چېتىشىپ، تېنى ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇمچە ئەركەك، چىشى كۆپىيىش ئەزاسى بولىدۇ، چېتىشىش ۋاقىتتا، بىر-بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىپ، ھايات تارىخىدا «جىنسنىڭ تەتۈر ئۆزگىرىشى» ھادىسىسى بار، جىنسىي رول ئالماشتۇرۇىدۇ، بىر زۈلۈك ئانا، ھەم دادا بولىدۇ، بىر ئۆمۈر ئوخشىمىغان مەزگىلدە ئوخشىمىغان پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ. جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئەتراپىدا چىشىسىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى شالاڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، تۇخۇم بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن ئورالغان، «پىلە غوزىسى» شەكىللىك، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، ھۆل لاي ئىچىدە، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغاندا، تەخمىنەن 16 ~ 25 كۈن ئەتىراپىدا غوزەك ئىچىدە زۈلۈك بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ (كۆپىيىش شەكلى بىلەن سازاڭ ئوخشىشىپ كېتىدۇ).

 

دورىلىق قىممىتى

زۈلۈكنىڭ تېنىدە ناھايىتى يۇقىرى بولغان دورىلىق قىممىتى بار، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ، تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋان قىلىشقا، قان ئۇيۇش، قورساق ئاغرىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 

ئاساسلىق تەركىبى

سۇ زۈلۈكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل، ھەم تەركىبىدە تۆمۈر، مانگان، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار. سۇ زۈلۈكىنىڭ ساپ شۆلگەي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە بىر خىل قان ئۇيۇشقا قارشى ماددا بار، پولى پېپتىد تەۋە، ئۇنىڭ مولېكۇلا تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە ئارگىندا يوق، شۇڭا قان ئۇيۇشقا قارشى رول ئوينايدۇ. لېكىن قۇرغاق ئايرىۋېلىنغىنىدا بۇ خىل ماددا بۇزىۋېتىلگەن. زۈلۈكنىڭ شۆلگىيدە يەنە ھېستامىندەك ماددا بار، گېپارىن بىلەن زۈلۈك ئەزەلدىن ماسلىشىپ قان نۆكچىسىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 

كىلىنىكىدىكى قوللىنىلىشى

سۇ زۈلۈكى جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردىدىكى ئاق داغنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

 

 

مەنبە: ئىزدە قامۇسى ، ئۇيغۇر ئارخىبى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-06 / 07:19:33


مەزكۇر بەتتە « سۇ زۈلۈكى » سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى: Leech ، تۈركچە تەرجىمىسى : Su sülüğü ، خەنزۇچە تەرجىمىسى : 水蛭 تەرجىمىدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر بەتتە سۇ زۈلۈكى سۆزگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈلۈشى، رەسىم، فىلىم، پايدىلىق ئۇلىنىشلارنىمۇ تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

ئەگەر يۇقىرىدا سۆزلۈككە مۇناسىۋەتلىك تەرجىمىدىن باشقا مەزمۇن كۆرۈنمىسە، دېمەك ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، تېخى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش قوشۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىرقانچە پايدىلىق ئادرېسلار تەمىنلەندى. شۇلاردىن ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

«سۇ زۈلۈكى» مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى دوختۇرلار تورىدىن ئىزدەڭ ياكى گوگولدىن ئىزدەپ بېقىڭ

«Leech» مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەڭ

«水蛭» مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەڭ

«Su sülüğü» مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەڭ

تەرجىمە، توغرىلاش جەريانىدا پايدىلانغان لۇغەت، ماتېرىيال، مەنبەلەر:

مەرھابا دوختۇر خاتىرە دەپتىرى , لۇغەت تورى , ئەۋلاد تور لۇغىتى , يۇلغۇن ئىملا تەكشۈرۈش , گۇگۇل , 汉维医学

 مەزكۈر بەتتە قايسى مەزمونلارنى تاپالايسىز؟  ( بېسىڭ )

سۇ زۈلۈكى نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى نېمە

سۇ زۈلۈكى نىڭ تۈركچە تەرجىمىسى نېمە,

سۇ زۈلۈكى نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى نېمە,

水蛭, Leech, Su sülüğü نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نېمە,

سۇ زۈلۈكى دېگەن نېمە,

سۇ زۈلۈكى نىڭ تىببىي مەنىسى,

سۇ زۈلۈكى نى قانداق تەرجىمە قىلىدۇ,

سۇ زۈلۈكى مەنىسى، چۈشەندۈرۈلۈشى,

سۇ زۈلۈكى نى ئىنگىلىزچە تەرجىمە,

سۇ زۈلۈكى نى خەنزۇچە تەرجىمە,

سۇ زۈلۈكى نى تۈركچە تەرجىمە,

سۇ زۈلۈكى مۇناسىۋەتلىك رەسىم,

سۇ زۈلۈكى مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئو فىلىم,

سۇ زۈلۈكى لۇغەت مەنىسى,

سۇ زۈلۈكى نى تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرغان تور ئادرېسلىرى,

سۇ زۈلۈكى نى ئىنگىلىزچىدە ئىنگىلىزچە نېمە دەيدۇ,

سۇ زۈلۈكى نى خەنزۇچىدە خەنزۇچە نېمە دەيدۇ,

سۇ زۈلۈكى نى تۈركچىدە تۈركچە نېمە دەيدۇ,

水蛭 نى ئۇيغۇرچىدە ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ

Leech نى ئۇيغۇرچىدە ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ

Su sülüğü نى ئۇيغۇرچىدە ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ

قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز.

1. نېمە ئۈچۈن تىببىي لۇغەت تۈزۈلدى؟

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى سۆزلۈك تەرجىمىسىدە، مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

تور بەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,780FansLike
232FollowersFollow
2,150SubscribersSubscribe

يېڭى قوشۇلغان سۆزلۈكلەر

مەخسۇس سەھىپىلەر