فارېنگېيت، بۇمۇ تېمپىراتۇرا دەرىجىسىنى ئۆلچەش بىرلىكى. °F بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 5 دۆلەت بۇ ئۆلچەمنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ 5 دۆلەت باھاما ، بېلىز ، ئەنگىلىيە كايمان ئارىلى ، پالاۋ ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلار(پورتو رىكو ، گۇئام ، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئارىلى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
فارېنگېيت بىرلىكىنى تۇنجى بولۇپ ، 1724-يىلى فىزىك ئالىمى دانىيال گابرىېل فارېنگېيت (Daniel Gabriel Fahrenheit) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.