ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقئىككى خىل مېۋىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار ئىكەن

ئىككى خىل مېۋىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار ئىكەن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى

«كۈندە بىر تال ئالما يىسەم، دوختۇر مەندىن يىراق تۇرىدۇ» ئىدىيىسى رېئاللىققا قەدەم قويدى! ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى خىل مېۋىنى كۆپ يېيىش يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

2024ـ يىلى داليەن تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 2ـ دوختۇرخانا قاتارلىق نۇرغۇن ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «ئوزۇقشۇناسلىق ئالدىنقى سېپى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بانان ياكى ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئىككى خىل مېۋىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىشنىڭ پايدىسى ئەڭ چوڭ.

بۇ تەتقىقات ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى 2480 نەپەر يۇقىرى قان بېسىم بىمارىنى ئاساس قىلىپ،10 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىنغان. چېتىلىدىغان مېۋىلەر:ئالما، نەشپۈت، بانان ، ئاناناس ۋە ئۈزۈم. بىمارلار بىرقانچە گۇرۇپقا بۆلۈنۈپ تەتقىق قىلىنغان، يەنى: ھەر ئايدا بىر قېتىمدىن ئاز، ھەر ئايدا بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە، كۈندە بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دەپ ئايرىلغان.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئالمىنى ناھايىتى ئاز يەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە ئالما يېيىش ئۆلۈم خەۋپىنىڭ %40 تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ باناننى ناھايىتى ئاز يەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە بانان يېيىش ئۆلۈم خەۋپىنىڭ %24 تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ بانان ۋە ئالمىنى ناھايىتى ئاز يەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بانان ۋە ئالما يېيىش پۈتۈنلەي ئۆلۈم خەتىرىنىڭ %43 تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇنىڭدىن باشقا، نەشپۈت، بولو ۋە ئۈزۈم يېيىش يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن روشەن باغلىنىشى يوق.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەك ئادەتلىرى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

1. پۇرچاق ۋە پۇرچاق بىلەن تەييارلانغان مەھسۇلاتلار

بىز ئادەتتە يېمەك – ئىچمەكتە كۆپ مىقداردا دادۇر يېيىشكە ئادەتلەنگەن. 2023 – يىلى «يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى» دە ئېلان قىلىنغان ئومۇمىي باياندا تونۇشتۇرۇلۇشىچە،2020 – يىلى 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 125 گىرام پۇرچاق ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلغان ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان كىشىلەر بىلەن ھەر كۈنى 125 گىرام پۇرچاق ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى %27 تۆۋەنلىگەن.

2. سۇس چاي ئىچىش

نۇرغۇن كىشىلەر چاي ئىچىشنى، چاي تېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاي ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ ( ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ، ئاز دېگەندە ئالتە ئاي ) يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى چاي ئىچىش ئادىتى يوق كىشىلەرنىڭكىدىن %14 تۆۋەن بولىدىكەن.

3. پەمىدۇر

2023 – يىلى «ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تال پەمىدۇر يەپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئەڭ ئاز قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان پەمىدۇر 110 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە، يۇقىرى قان بېسىم خەۋپى 36 %تۆۋەنلەيدىكەن.

يېيىشتىن باشقا، قان بېسىمىنى ياخشىلاشنىڭ يەنە ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار:

1. ئەڭ ياخشى بېسىم تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرىكەت.

2023 يىلى 7 ئايدا «ئەنگلىيە تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، «تەڭ ئۇزۇنلۇقتا ھەرىكەت قىلىش» قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرىكەت ھەرىكەت قىلغاندا مۇسكۇللار قىسقىرايدۇ، ئەمما مۇسكۇللارنىڭ ئۇزۇنلۇقىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغۇملار تىنچ تۇرىدۇ، مەسىلەن، تامغا يۆلىنىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، ئات چاپتۇرۇش، تىنچ ھالەتتە قورساقنى يۆگەش، تەكشى تاختىلىق تىرەك قاتارلىقلار.

2. ئەڭ ئاددىي تۇز كېمەيتىش ئۇسۇلى تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئەنئەنىۋى تۇزنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك.

تۆۋەن ناترىيلىق تۇز سېتىۋېلىش ئەڭ بىۋاسىتە تۇز ئازايتىش ئۇسۇلى. «جۇڭگو يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كلىنىكىلىق ئەمەلىيەت كۆرسەتمىسى» گە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى ئاش تۇزى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن ناترىيلىق تۇز يېمەك – ئىچمەك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق يۈرەك قان تومۇر خەۋپ – خەتىرى %13، پۈتۈن ئۆلۈش خەۋپ – خەتىرى %12 تۆۋەنلىگەن.

3. ئەڭ ھۇرۇنلۇق قىلىپ قان بېسىمىنى قوغداش ئۇسۇلى 7-8 سائەت ئۇخلاش.

ئۇيقۇسى بەش سائەتتىن ئاز بولغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 7 – 8 سائەت ئۇخلىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللاردا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش، ئەتىگەن سائەت 6 دىن 7 گىچە ئورنىدىن تۇرۇش، ھەر كۈنى 7 سائەتتىن 8 سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇش كېرەك.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-17 / 10:01:12

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ