10 ئايلىق بوۋاقلار 👶 – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

10 ئايلىق بوۋاقلار 👶

باش ئايلانمىسى:  43 – 47.8 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى:  69 – 77.6 سانتىمې
تىربەدەن ئېغىرلىقى: 7500 – 11200  گىرام

 

ياتقان ھالەتتىن ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇپ ياكى يەرنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆمىلەشكە خېلىلا پىشىپ قالىدۇ. ئاددىي ئويۇنلارنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئويناشقا باشلايدۇ.

جىسىملارنى باش بارماق ۋە ئىشارەت بارماق بىلەن كۆرسىتەلەيدۇ. كىچىك جىسىملەرنى (مەسىلەن تۈگمە) تۇتالايدۇ. ئەمزىكلىك سۈت پوتۇلكىسىنى تۇتۇپ سۈت ئىچەلەيدۇ.

ئىسمىنى چاقارغاندا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. رىتىملىق تەكرارلانغان ئاۋازلارنى (دادا، ماما، ئائا، ۋاۋا..) چىقىرالايدۇ

10 ئايلىق بوۋاقلار 👶  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,040FansLike
163FollowersFollow
1,490SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار