مىنېرال ماددا گەرچە ۋىتامىنغا ئوخشاش ئىسسىقلىق چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك رولى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ.
ئاساسلىقلىرىدىن: كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، مىس، كالىي، ناترىي، يود، سىنك، خلور، مانگان قاتارلىق 60 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
بۇ ماددىلار ئىچىدە بالىلاردا ئاسانلا كەملەپ قالىدىغىنى كالتسىي بىلەن تۆمۈر بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ماددىنى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم. بالا تۆت ئايلىق بولغاندا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۆمۈر ئاساسەن خوراپ بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۇخۇم قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلانمىسا، تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان كەملىك كېلىپ چىقىدۇ.

بالىلار ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئېھتىياجلىق مىقدارى تۆۋەندىكىدەك:
كالتسىي: كالا سۈتى، تۇخۇم، پالەك، قىچىلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر مول بولۇپ، ھەر كۈنى 1-0.6 گرامغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.
فوسفور: سۈت، بېلىق، جىگەر، تۇخۇم، پۇرچاق ۋە قوناق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر مول بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بالىلاردا بەك كەم بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا كۈنىگە 1.0-1.5 گرامغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.
تۆمۈر: جىگەر، تۇخۇم، قىچا ۋە كۆكتاتلار تەركىبىدە بىر قەدەر مول بولۇپ، كۈنىگە 6–14 مىللىگرامغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.
يود: لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، دېڭىز ئادەمگىياھى، بېلىق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر مول بولۇپ، كۈنىگە 0.002 مىللىگرامغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.
ناترىي، خلور ۋە كالىيلارنىڭ كۈندىلىك مىقدارى بىر-ئىككى مىللىگرامغىچە بولسا بولىدۇ.