ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاقلارنىڭ ھەرخىل ئاۋازلىرى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئەھۋاللار

بوۋاقلارنىڭ ھەرخىل ئاۋازلىرى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئەھۋاللار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلار ئۆزىنى قانداق ئىپادىلەيدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ دۇنياسىنى بىزگە ھىچ ئوخشىمايدىغان ، باشقىچىلا بىر دۇنيا دىسەك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ، يازالمايدۇ، شۇڭا پەقەت ھەرخىل ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. ئەمما بوۋاقلار ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئۆزىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقاندا، تەجرىبىسىز ئاتا ئانىلار بەكلا تەمتىرەپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا ئانىلار، بوۋاقلارنىڭ چىقارغان ئاۋازلىرىغا ياخشى دىققەت قىلىپ باقسا، بوۋاقلار ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى مۇشۇ ئاۋازلار بىلەن ئاتا ئانىسىغا بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. ۋاي ئۇماقلار.

بۇ قىسقا ۋىدىئورىمىزدا، چەتئەللىك بىر ئايال بوۋاقلارنىڭ ھەرخىل ئەھۋاللار ئاستىدا چىقارغان ھەرخىل ئاۋازلىرىنى كۈزىتىش جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ چىققان بولۇپ، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھىرلىنىشنى توغرا كۆردۈم. باشلاشنىڭ ئالدىدا، فىلىم ئاستىدىكى بارىكاللا بارمىقىنى بېسىپ قويۇڭ، ھەم قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇشنى ئۇنۇتماڭ.

 

بوۋاقلارنىڭ ھەرخىل ئاۋازلىرى

1. نېھ، نى، نېخ

قورسىقى ئاچقاندا
قورسىقى ئاچقاندا، «نېھ، نى، نېخ» ئاۋازلىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن

بوۋاقلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا دەرھال پۇرسەت چىقىرىپ بوۋاققا سۈت بېرىڭ.

 

2. ئوۋ،ئا، ئاۋ، ئاھ

ئۇيقۇسى كەلگەندە
ئۇيقۇسى كەلگەندە، « ئوۋ،ئا، ئاۋ، ئاھ » ئاۋازلىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن

بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ قېرىشقاندا، مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا، بوۋاقنى جىمجىت مۇھىتقا ئېلىپ كىرىپ ئۇخلىتىپ بېقىشقا تىرىشىڭ.

 

3. ھى، ئى، ئىغ…

بەدىنى بىئارام بولغاندا
بەدىنى بىئارام بولغاندا، « ھى، ئى، ئىغ… » ئاۋازلىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن

بوۋاقلار بۇ خىل ئاۋاز چىققاندا، بەدىنىنىڭ بىر يېرىدە بىئارامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. بوۋاقنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، قىزىتما بارمۇ، سۈيدۈك لاتىسى يەنە بىر ئىسمى پامپىر ياخشى تاقالماي قالدىمۇ، ياتقان يېرى راھەتسىزمۇ بۇلارنى بىر قۇر كۆرۈپ بېقىڭ. پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈپ بىرەر بىنورماللىق بارمۇ ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

 

4. ئىر، ئىڭە ، ئىڭا

يەل سانجىقى ئاغرىقى
يەل سانجىقى ئاغرىقى تۇتقاندا، « ئىر، ئىڭە ، ئىڭا…» ئاۋازلىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن

يەل سانجىقى بوۋاقلارنىڭ 1-2 ئايلىرىدا ئەڭ بىئارام قىلىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. يەل سانجىقى بولغاندا كۆپىنچە بوۋاقلار مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا قورسىقىنى سائەت توغرا يۆلىنىشىدە ئۇۋۇلاپ بېرىڭ ۋەيا ئەھۋالغا قاراپ يەل ماڭدۇرىدىغان دورىلارنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللار 100دە 100 دىيەلمىسەكمۇ، ھىچ بولمىسا كۆپىنچە بوۋاقلارغا ماس كىلىدۇ. يېڭى ئاتا ئانا بولغانلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-06-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-06-18 / 03:52:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ