بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
11 ئايلىق بوۋاقلار ????
باش ئايلانمىسى: 43.4 – 48.2 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 70.2 – 78.9 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7400 – 11500 گىرام
ئورۇندۇقنى ياكى باشقا قاتتىق جىسىمنى تۇتۇپ قوپالايدۇ. تاماق يىيىشنى، ئۇخلاشنى خالىمىغانلىقىنى تولۇق ئىپادە قىلالايدۇ. ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەمما سۆزلەشكە يەنە بىراز بالدۇر. قولىنى كىچىك تۆشۈكلەرگە كىرگۈزەلەيدۇ، قەغەز يىرتىيالايدۇ، سۇلارغا ئۇرۇپ ئوينىيالايدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەتراپنى خېلىلا ئېنىق كۆرۈپ ئۆمىلەپ ماڭغاندا بىرەر نەرسە ئالدىغا كەلگەندە ئايلىنالايدۇ، يىراقتىكى توپ، سۈت پوتۇلكا، مىۋىلەرنى كۆرگەندە ئۆمىلەپ قېشىغا بېرىپ قولىغا ئالالايدۇ.
ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.