ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزبەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 45 خىل پايدىسى

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 45 خىل پايدىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ .

2.بەدەننىڭ ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

3. غەم -قايغۇ ۋە ئەندىشىنى يوقىتىدۇ .

4. ناچار كەيپىياتنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ .

5. ئوكسىگىن ۋە گلۇكوزىنى تولۇقلايدۇ .

6. مۇسكۇلنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە يىتىلدۇرىدۇ .

7.بەدەننى قىزىتىپ ،قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .

8. ھېرىپ -چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

9 . چېنىقىش كۆڭۈلنى تىنىچلاندۇرىدۇ ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ .

10. چېنىقىش ئارقىلىق بەدەندىكى غەمكىنلىك ۋە خامۇشلۇقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .

11.تولا ماڭغان كىشىنىڭ تېنى ساغلام بولىدۇ .تولا ياتقان كىشىنى كېسەل چىرمىۋالىدۇ .

12.بەدەن چېنىقتۇرۇش – ئادەم بەدىنىنى روھلاندۇرىدىغان ،ساغلام قىلىدىغان شىپالىق دورا .

13. بەدەنگە ئەڭ پايدىلىقى يەنىلا پىيادە مېڭىش ۋە گىمناستىكا ئويناش .

14. دائىم يۈگۈرۈپ چېنىقسا ،مېڭە ،سەگەك ،ساغلام ،مېڭە تومۇرلىرى راۋان ،ئەۋرىشىم بولىدۇ .

15. بەدەن چېنىقتۇرۇش – يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ ،يۈرەك ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ .

16 .بەدەن چېنىقتۇرۇش -كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .كۆز سەزگۈسىنى ياخشىلايدۇ .

17. بەدەن چېنىقتۇرۇش -چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

18.چېنىقىش -بەدەن مۇسكۇللىرىنى يېڭى ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلىدۇ .

19. بەدەن چېنىقتۇرۇش – ئادەمدىكى ھەرخىل يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدۇ .

20 .بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىق رولىنى ئاشۇرىدۇ .

21 .بەدەننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ .

22.ئادەمنىڭ خاسلىقى ئۆزگىچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ ۋە گەۋدىلەندۈرىدۇ .

23 .ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ياخشىلايدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ .

24. تېز قېرىشىنى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىتىدۇ .

25. ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلىكنى يېڭىشكە ۋە كونتىرول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .

26. بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدۇ .

27. ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ .

28. روھىي جىددىيلىك ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىپ ،ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ .

29. سۆڭەكلەرنىڭ چۈرۈكلىشىپ كېتىشى ۋە تۇيۇقسىز سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

30 .يۈرەك سانجىقى ،مېڭە قان تومۇر كېسەللىرى ۋە تۇيۇقسىز بولىدىغان ئۆلۈم – يېتىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

31 . قاندىكى ماي ،قەنتلەرنىڭ غەيرىيلىكىنى نورماللاشتۈرىدۇ .

32. بەل ،پۇت -قول بوغۇملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ .

33. بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ .

34.يېڭى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە قاننى تولۇقلايدۇ .

35 .ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىقلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ . ھامىلىنى نورمال ۋە ساغلام قىلىدۇ .

36. ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشىلاپ ،روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ،تېتىك ،جۇشقۇن قىلىدۇ .

37 . رېماتىزمنى كونترول قىلىپ ،بەدەن ئاجىزلاپ ،بەدەن يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

38. يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ،قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاپ ،بەدەننى يېڭىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ .

39 . قىزىل قان ئاقسىلى ۋە قاننىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

40 .قان قېتىشنىڭ ۋە پۇت قوللاردىكى تومۇرلارنىڭ كۆپۈپ چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

41 .يېڭى كېسەلدىن ، ئوپىراتسىيىدىن قوپقانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ . تېزرەك ماغدۇرىغا كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

42 . يارا ئېغىزى ۋە ئوپېراتسىيىدە تىككەن جاينى تېزدىن ساقايتىدۇ .

43 . كىشىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇرۇلۇش -سوقۇلۇش ،كۈتۈلمىگەن ھادىسلەردىن ، زەخمىلىنىشلەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ .

44. ئاشقازان – ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ ،ھەزىمنى ياخشىلايدۇ . تېرىنىڭ زەخمىلىنىشى ،يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىدۇ .

45. زۇكام ،يۆتەل ،جىگەر ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:32:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ