ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرئون 10 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

ئون 10 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمىمىزدە 10 ئايغا قەدەم قويغان بوۋاقلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى، نىمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ قانداق تەۋسىيەلىرى بارلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز. كۈچتىنگىر ئۇماق بوۋىقىڭىز توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، باشلاش ئالدىدا، ۋىدىئورىمىز ئاستىدىكى بارىكاللا بارمىقىنى بېسىۋېتىڭ، بىزگە مۇشتەرى بولۇۋېتىڭ. ئەمىسە، قېنى باشلايلى.

10 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

10 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى:  43 – 47.8 سانتىمېتىر

بوي ئۇزۇنلۇقى:  69 – 77.6 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى: 7500 – 11200  گىرام

 

10 ئايلىق ساغلام بوۋاقلارنىڭ ئۆزگىرىشلەر

10 ئايلىق بوۋىقىڭىز ئۆز ئالدىغا ياتقان ھالەتتىن ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇپ ياكى يەرنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆمىلەشكە خېلىلا پىشىپ قالىدۇ. ئاددىي ئويۇنلارنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئويناشقا باشلايدۇ.

جىسىملارنى باش بارماق ۋە ئىشارەت بارماق بىلەن كۆرسىتەلەيدۇ. كىچىك جىسىملەرنى (مەسىلەن تۈگمە) تۇتالايدۇ. ئەمزىكلىك سۈت پوتۇلكىسىنى تۇتۇپ سۈت ئىچەلەيدۇ. بەزى تەلەپلىرىنى يىغلاش ئارقىلىق قاندۇرالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئىسمىنى چاقارغاندا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ، يە                                               نى ئىسمىنى چاقىرغان تەرەپكە قارىيالايدۇ، بەزىدە قاراپ كۈلۈمسىرەلەيدۇ. رىتىملىق تەكرارلانغان ئاۋازلارنى (دادا، ماما، ئائا، ۋاۋا..) چىقىرالايدۇ

 

10 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدا ۋاكسىنىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ. بۇنى ھەر ئايدا قىلىشقا كۆنۈڭ.
  2. ئالدىنقى ئايدا بوۋاقنى دوختۇرغا ئاپىرىپ قان تەكشۈرۈش قىلغان بولسىڭىز، نەتىجىلىرىنى شۇ بالىلار دوختۇرى ياكى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا كۆرسىتىپ مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ. دوختۇرىڭىز شۇنىڭغا قارىتا سىزگە مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدۇ.
  3. بوۋىقىڭىزنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئانا سۈتىنى ئېلىۋاتقان بولسا ھەرگىز كېسىپ قويماڭ. بولسا ئەڭ ئاز ئىككى ياشقىچە ئانا سۈتىنى ئۈزۈپ قويماڭ. تامىقىغا دورا دارمانلارنى ئامال بار سالماڭ. تۇزنى چوڭلارغا قويغاندەك كۆپ سالماڭ ھەم بەك مايلىق بولمىسۇن.
  4. بۇ ئايدا ھېلىھەم كالا سۈتى ۋە ھەسەل بەرمەڭ. بۇلارنى 1 ياشتىن كېيىن ئاستا ئاستا باشلىسىىڭىز بولىدۇ.
  5. بوۋاقنىڭ دەم ئېلىشىغا، بولۇپمۇ ئۇيقۇسىنىڭ تولۇق بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ. بوۋاقلار، بالىلار ئۇخلاۋاتقاندا بويى ئۆسىدۇ. بۇنى ئۇنۇتماڭ.
  6. بوۋاقنى ئاپتاپقا سۇندۇرۇپ تۇرۇڭ، تېرىسى ئاپتاپ كۆرسۇن. بۇ ئارقىلىق ۋىتامىن د تولۇقلىنىدۇ، ئەمما بەك بىر قېتىملىق ئاپتاپقا سۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن، بولمىسا تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تۆمۈر ماددىسىنىمۇ دوختۇرىڭىزنىڭ تەۋسىيىسى ئاستىدا تولۇقلاپ بېرىڭ.
  7. بوۋاقلارغا ئۇيغۇن بولغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى، بولۇپمۇ قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ. چۈنكى پەۋقۇلئادە بوۋاق كېچىدە قىزىپ 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، تارتىشىپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ. بۇ چاغدا قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  8. بوۋاقنىڭ پۇت قوللىرىنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ بېرىڭ، ھەركۈن ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا پۈتۈن بەدىنىنى بىر تەكشۈرۋېتىشكە ئادەتلىنىڭ.
  9. ئەگەر ئاتا ئانىسى ۋەيا ياخشى تونۇغان كىشىلەرنى كۆرسە خوشال بولمىسا، كۆزگە تىكىلىپ قارىمىسا، ئىسمىنى چاقىرغان تەرەپكە قارىمىسا ياكى ئىنكاس قايتۇرمىسا، دەرھان دوختۇر بىلەن كۆۈشۈپ بېقىش لازىم.
  10. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ. ئالدىنقى ئايلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىق تەۋسىيىلەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:50:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ