دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

كورونا ۋىرۇسى ئومىكرون ۋارىيانتى تۈزۈلۈشى سۈرەتلىك رەسىمى

كورونا ۋىرۇسى ئومىكرون ۋارىيانتى

Corona virus omicron variant

 

ئومىكرون ۋىرۇسى، باشقا تىپلىرىگە ئوخشاش، ۋىرۇسنىڭ تاشقى يۈزىدە تىكەنسىمان شەكىلدە ئاقسىل تۈزۈلۈشلىرى بولىدۇ. بۇ تىكەن شەكىلدىكى ئاقسىل تۈزۈلۈشلىرى ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ياردەم قىلىدۇ. ئومىكرون تىپ ۋىرۇسنىڭ يۈزىدىكى تىكەنسىمان ئاقسىلدا ئەڭ دەسلەپكى كورونا ۋىرۇسى يۈزىدىكى تىكەنسىمان ئاقسىلغا سېلىشتۇرغاندا 32 ئۆزگىرىش بايقالغان. بۇ ئۆزگىرىشنى باشقا تىللاردا mutation, 变异, mutasyon دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ۋىرۇس يۈزىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىدە بولسا 10 قىتىم ئۆزگىرىش بايقالغان.

بۇ يېڭى تىپ يەنى يېڭى ۋاريانت ئومىكرون كورونا ۋىرۇسى مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، دورا ۋاكسىنىلارغا ۋە باشقا تاشقى مۇھىتلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئامان قېلىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان.

ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن باشقا تىپلىرىمۇ مۇشۇ ئومىكرونغا ئوخشاش، تاشقى دۇنياغا ماسلىشىش، دورا ۋاكسىنىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ۋىرۇس تاشقى يۈزىدىكى تىكەنسىمان شەكىلدىكى ئاقسىللارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋەيا قوبۇل قىلغۇچى تەنچىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-01

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-01-01 / 05:40:28

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,599FansLike
697FollowersFollow
1,850SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر