خروموزوم chromosome 染色体
ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ 46 تال يەنى 23 جۈپ خىروموسوم بار، ئانا تەرەپتىن 23نى ئالىدۇ، دادا تەرەپتىن 23نى ئالىدۇ. بىرلىشىپ 23 جۈپ بولىدۇ. بۇلار ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خروموزوملاردا بىزنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ شەكلى، جىنسىي، چاچ رەڭگى، …. قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدىغان د ن ئا رىمىز بار.
DNA قوش بۇرما شەكىلدىكى ئۇچۇر ئامبىرى دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ قانداق بولۇشىنى قارار قىلىدىغان ئامبار.
RNA بولسا مۇشۇ د ن ئا ئامبىرىدىن ئېلىنغان كىچىك بىر ئۇچۇر قىسمى.
يەنى، سىز بىر ئىشەك ھارۋىسى قۇراشتۇرماقچى بولدىڭىز. ئاۋۋال كىتاپخانىغا باردىڭىز، كىتاپخانىغا شۇ خروموزوم دەپ چۈشىنىڭ. بۇ كىتاپخانىدا ھەرخىل ھارۋىنى قۇراشتۇرىدىغان بىر كىتاپنى تاپتىڭىز. ھەم بۇ كىتاپنىڭ ئىچىدىكى 30،31،32 ئىنجى بەتتىكىلىرى دەل شۇ ئىشەك ھارۋىسىنى قوراشتۇرىدىغان قىسىمكەن. بۇنى گېن دەپ چۈشىنىڭ. بۇ كىتاپنىڭ ھەممىسىنى كونا چاغاتاي يېزىقتا يېزىپتۇ. بۇ يېزىقنى د ن ئا دەپ چۈشىنىڭ. سىز بۇ 3 بەت مەزموننى بىر ۋاراق قەۋەزگە ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا كۆچۈرۋېلىپ چىقتىڭىز. بۇ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى قەۋەز ر ن ئا بولىدۇ. ئاندىن ھويلىڭىزدا ئېشەك ھارۋىسىنى قۇراشتۇردىڭىز، يەنى ئاقسىلنى ئىشلەپ چىقاردىڭىز.