كۈزنىڭ مېۋىسى كۆزىڭىزنى ئالىچەكمەن قىلىۋىتىدۇ .نۇرغۇن ئاياللارمېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىدۇ .بىراق ئۇلار بىر قىسىم مېۋىلەرنى يىگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا سەمىرىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى مېۋىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تۆۋەن بۇلىدۇ ،بىراق ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تېز بۇلىدۇ .يەنە كىلىپ .قەنت مىقدارىنىڭ سۈمۈرلۈش سۈرئىتىنىڭ تېز -ئاستا بولۇشى سەمىرىش ۋە سەمىرمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ .شۇڭا،قەنتلىك يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن سۈمۈرلۈش مىقدارىنىڭ تېز -ئاستا بۇلۇشى ئەڭ مۇﮬىم ئامىل ،ئۇ .ئسسىقلىق مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .ئادەتتە كىشىلەر گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن يوقىرى ،شۇڭا ،گۈرۈچ تامىقى يىگەندە ئاسان سەمىرىپ كىتىدۇ ،دەپ قارايدۇ
.ئەمەلىيەتتە ئەﮬۋال بۇنىڭ ئەكسىچە ،چۈنكى گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى تاۋۇزنىڭكىدىن تۆۋەن ،يەنى گۈرۈچ تامىقىنىڭ قەنت تەركىبىنىڭ سۈمۈرلۈش سۈرئىتى تاۋۇزنىڭكىدىن ئاستا بۇلىدۇ .تاۋۇز يىگەندە قاندىكى قەنت مىقدارى تۇيۇقسىز يۇقىرلايدۇ .
لىگو ،تاۋۇز ،ئاناناس ،كۇلى بىھىسى قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن يۇقىرى ،شۇڭا ئورۇقلاش نىيىتىدىكى كىشىلەر بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
غەيرى مېۋە ،بانان ،ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى يىرىك گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ،شۇڭا ئورۇقلاش نىيىتى بار كىشىلەر بۇ مېۋىلەرنى يىمەسلىكى كېرەك .
ئۈزۈمسىمان ئاپلىسىن ،ئالما،نەشپۈت ،ئالوچا ،گىلاس ،شاپتول .سىترۇس قاتارلىقلارنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تۆۋەن ،بۇلار ئورۇقلاش نىيىتىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق.
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى