- پۇرچاق تالقىنى: ياساش ئۇسۇلى، سېرىق پۇرچاقنى يۇيۇپ قۇرىتىپ، قازانغا سېلىپ قوڭۇر سېرىق رەڭگە كىرگىچە قورۇپ، سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئۇششاق پاراشوك قىلىنىدۇ. ئېشىپ قالغان يىرىگخنى قايتا – قايتا سوقۇپ ئۇششاقلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى پۇرچاق تالقىنىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىسىمۇ ئوڭايلا چىرىمايدۇ. ھەر 100 گرام پۇرچاق تالقىنىغا ئاش تۇزىدىن 1 گرام ، كالتسىي لاكتاستىن 1گرام، ئاق شېكەر 40 گرام، كراخمال 20 گرام قوشۇپ پۇرچاق سۈتىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. ئىشلەتكەندە ، قايناق سۇدىن 1 لېتىر قوشۇپ قوچىلىدۇ.
جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەۋسىيە قىلغان «5410» سۈتنىڭ ئورنىنى باسقۇچى تالقاندا ھەرخىل ئوزۇقلۇق تەركىپلىرى نىسبەتەن مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىراق بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: دادۇر ئۇنى 28%، پۇرچاق يېغى 3% ، گۈرۈچ ئۇنى 45%، سۆڭەك پاراشوكى 1.5%، قۇمۇش شېكىرى 16.5%، ئاش تۇزى 0.5%، تۇخۇم سېرىقى پاراشوكى 5%، ۋىتامىن ب2 لىك تېرىق 0.5%، ھەر 100 گرام تالقانغا 700 مىللىلېتر سۇ قوشۇلغاندا ئىسسىقلىق كالورىيىسى تەخمىنەن ھەر 100مىللىلېتر دە 67 كالورىيە بولۇپ ئادەم سۈتىگە ئوخشىشپ كېتىدۇ.
- پۇرچاق سۈتى. سېرىق پۇرچاقتا ئاقسىل نىسبەتەن مول ھەمدە بەلگىلىك مىقتاردا ۋىتامىن بولۇپ، قوي-كالا سۈتىگە ياكى باشقا سۈتنىڭ ئورنىنى باسقۇچى بويۇملارغا ئېرىشەلمىگەن ئورۇنلاردا پۇرچاق سۈتى ئىشلەتسە بولىدۇ. دەسلەپتە پۇرچاق سۈتى بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 1:1 بولىدۇ، ئەگەر ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى بولمىسا، سۇنىڭ نىسبىتىنى تەدرىجى كېمەيتىشكە بولىدۇ. ياساش ئۇسۇلى: سېرىق پۇرچاق 0.5 كىلوگرام، ساپلاشتۇرۇپ يۇيۇپ تازىلانغان كېيىن 4 كىلوگرام سۇ قوشۇلىدۇ. بىر كېچىگىچە سۇغا چىلاپ (ياز پەسلىدە 8 سائەت چىلىسا بولىدۇ) ئېزىپ بوتقا قىلىنىدۇ. سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، شىرىسىنى 2 قېتىم قايناتقاندا تەخمىنەن 3 كىلوگرام پۇرچاق سۈتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەر 0.5 كىلوگرام غا ئاش تۇزىدىن 0.5 گرام ، كالتسى لاكتاس 1.5گرام، گۈرۈچ ئۇنى 10 گرام، قەنت 30 گرام قوشۇلىدۇ. پۇرچاق سۈتى بىلەن باققاندا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ۋە ۋىتامىنلاردىن A, C,D نى ئۆز ۋاقتىدا قوشۇپ بېرىش كېرەك.
- بازاردا سېتىلىدىغان سۈت پىچىنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ كۆپچىلىكى گۈرۈچ، تېرىق قاتارلىقلارنىڭ ئۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قەنتتىن ئىبارەت بولغانلىقتىن ئاقسىل كەمچىل بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇقلاندۇرغاندا ، سېرىق پۇرچاق ئۇنى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل تۇتقان ئوزۇقلۇق بويۇملارنى، قوشۇپ بېرىش بىلەن بىللە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا قوشۇپ بېرىش لازىم. بۇنداق قىلمىغاندا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئوزۇقلاندۇرۇلسا ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى ۋە قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ.
- ئارىلاش ئوزۇقلاندۇرۇش: ئانا سۈتى يېتەرلىك چىقمىسا، ياكى ئانا خىزمەت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋاقتىدا ئېمىتىلمىگەن چاغدا كالا سۈتى ياكى باشقا سۈتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بويۇملار قوشۇپ ئوزۇقلاندۇرۇش، ئارىلاشما ئوزۇقلاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل نوقۇل سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇشقا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى ، تولۇقلاش ئۇسۇلى ۋە ئورنىغا ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت 2 خىل بولىدۇ. تولۇقلاش ئۇسۇلى: ئانا سۈتى يېتىشمىگەندە ھەر قېتىم ئالدى بىلەن ئانىنى ئېمىتىپ ئىككى ئەمچەكنى بوشاتقاندىن كېيىن يەنە باشقا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسقۇچى ويۇملار بىلەن يېتىشمىگەن قىسمى تولۇقلىنىدۇ.
ئورنىنى بېسىش ئۇسۇلى: ئانا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بوۋاق ئۆز ۋاقتىدا ئېمەلمىگەندە، 2 قېتىملىق ئانا سۈتىنىڭ ئارىلىقىدا باشقا سۈتنىڭ ئورنىنى باسقۇچى بويۇملار بىلەن 1 قېتىم تاماقلاندۇرىلىدۇ. لېكىن ئانا سۈتىنىڭ قېتىم سانى ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن كەم بولماسلىقى لازىم. قېتىم سانى بەك ئاز بولۇپ كەتسە، ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ كېتىدۇ.
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش