ئاميوبالىق جىگەر يىرىڭلىق ئششىقى ئاميوبالىق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولۇپ ، ئاساسلىق كلىنىكىلىق ئىپادىلەر ئۇزۇن مۇددەت قىزىش ، قورساق ئوڭ ئۈست قىسىم ياكى ئوڭ كۆكرەك ئاستى ئاغرىش ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ، جىگەر ئىششىپ چوڭىيىش ۋە ئاغرىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى يۇقىرىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسانلا كۆكرەك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



