قورساقنى سىلاپ بېرىش ، قورساق بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ قورساق سىلاش بىر خىل يېقىملىق غىدىقلاش ھېسابلىنىدۇ غىدىقلىنىش چوڭ مېڭە ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنى تەڭشەش ۋە مۇسكۇل ئىچكى مۇھىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ، قورساقنى سىلاپ بەرسە ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، خىيالدىن خالىي قىلىپ ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ . قان تومۇر قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قورسىقىنى سىلاپ بەرسە ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ .
قورساقنى سىلاش ئۇسۇلى مۇنداق : ئالدى بىلەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياكى كارىۋاتتا يېتىپ ، ئاندىن ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى سال قىزىغىچە بىر – بىرىگە سۈركەش (ياز كۈنلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ ) ، ئاخىرىدا ئىككى ئالقاننى قورساققا قويۇپ ، كىندىكنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگە قارىتىپ ، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يېنىك سىلاش لازىم . كارىۋاتتا يېتىۋالماي ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ سىلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ . قورساقنى سىلاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ، روھىي كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ .