ئوڭ يانپاش رايونى
ئۇيغۇرچە باشقا ئىسىملىرى:
ئوڭ يېرىق رايونى
Right Iliac Region
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Regio inguinalis dextra, right inguinal region
右髂区
sağ iliak bölge
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Regio inguinalis dextra, sağ inguinal bölge
قورساق قىسىمنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈشى
قورساق قىسىمنى بەزىلەر 4 بۆلەككە بۆلىدۇ، بەزىلەر 9 بۆلەككە بۆلىدۇ. ئەسلىدە ئىككىسىدە چوڭ پەرق يوق.
سول قوۋۇرغا ئاستى رايون: جىگەر سول تەرەپ ئاز قىسمى، ئاشقازاننىڭ كۆپ قىسمى، تال، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ قۇيرۇق قىسمى، سول بۆرەك بىر قىسى، بوغماق ئۈچەي بىر قىسمى | ئۈست قوساق رايون: جىگەر ئوڭ ۋە سول تەرەپنىڭ بەزى قىسمى، ئۆت بىر قىسمى، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى، ئاشقازان بىر قىسمى، ئاشقازان ئاستى بېزى كۆپ قىسمى، ئىككى بۆرەك بىر قىسمى، بۆرەك ئۈستى بېزى | ئوڭ قوۋۇرغا ئاستى رايون: جىگەر ئوڭ قىسمى، ئۆتنىڭ بىر قىسمى، بوغماق ئۈچەي بىر قىسمى، ئوڭ بۆرەك بىرقىسمى |
قوساق سول ئورتا رايون : چۈشكەن بوغماق ئۈچەي، سول بۆرەك بىر قىسمى، ئاچچىق ئۈچەي بىر قىسمى، | كىندىك رايونى : ئاشقازان چوڭ ئەگرى قىسمى، بوغماق ئۈچەي توغرا قىسمى، ئىككى تەرەپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى بىر قىسمى، ئاچچىق ئۈچەي، 12بارماق ئۈچەي بىر قىسمى، يانپاش ئۈچەي بىر قىسمى | قوساق ئوڭ ئورتا رايون: بوغماق ئۈچەي چىققان قىسىم، يانپاش ئۈچەي بىر قىسىم، ئوڭ بۆرەك بىر قىسىم |
سول يانپاش رايونى: يانپاش ئۈچەينىڭ بىر قىسمى، Sسىمان بوغماق ئۈچەي | دوۋسۇن رايون، ئاستى قوساق رايونى: ئاچچىق ئۈچەي بىر قىسىم، سۈيدۈك تولغان چاغدىكى دوۋسۇننىڭ بىر قىسمى، ھامىلىلىكتىكى بالىياتقۇنىڭ ئۈستى قىسمى، ئىككى تەرەپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىنىڭ بىر قىسمى | ئوڭ يانپاش رايونى: سوقۇر ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي بىر قىسىم، قارىغۇ ئۈچەي |