ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىقول نېمە ئۈچۈن تىترەيدۇ؟

قول نېمە ئۈچۈن تىترەيدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى خەۋىرى:

ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: «قولۇم نېمىشقا تىترەيدۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى ئۇزاق مەزگىل كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەر، ياشلار-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلارمۇ بار، ھەقىقەتەن قېرى-ياش ھەممەيلەندە بار دېيىشكە بولىدۇ.

ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن قولى تىترەيدۇ؟ قول تىترەشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

قولنىڭ تىترىشى بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك رېئاكسىيە بولۇشىمۇ، بىر خىل كېسەللىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. كېسەللىك سەۋەبى جەھەتتىن ئاساسلىقى فىزىيولوگىيەلىك تىترەش، فۇنكسىيەلىك تىترەش ۋە پاتولوگىيەلىك تىترەش دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. فىزىئولوگىيىلىك تىترەش

فىزىيولوگىيەلىك تىترەش كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەربىر ئادەم باشتىن كەچۈرۈپ باققان. بۇ خىل تىترەشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قول تېز، قانۇنىيەتسىز تىترەيدۇ، ئادەتتە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىترەيدۇ، مەسىلەن: جىددىيلىشىش، غەزەپلىنىش، ھاياجانلىنىش ياكى ئاچلىق قاتارلىقلار.

سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرگەندە، ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى كۆتۈرگەندە قولىڭىز تىترەپ باققانمۇ؟ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى فىزىئولوگىيىلىك تىترەش دەپ ئاتىلىدۇ. پەيدا قىلغۇچى ئامىل يوقىغاندا، تىترەشمۇ تەدرىجىي پەسىيىدۇ.

2. فۇنكسىيىلىك تىترەش

فۇنكسىيەلىك تىترەش فىزىيولوگىيەلىك تىترەشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئادەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەبنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ.

(1) سىز ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن، قاتتىق غەزەپلەنگەن ياكى كوففېئىننى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، فىزىيولوگىيەلىك تىترەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تىترەش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ «كۈچلۈك فىزىيولوگىيەلىك تىترەش» دەپ ئاتىلىدۇ.

(2) «پىسخىكا مەنبەلىك تىترەش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل بىمارلارنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك بولمايدۇ، پەقەت پىسخىكىلىق كېسەللىكنىڭ بەدەندە ئەكس ئەتكەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى خالاس.

(3) «چارچاش خاراكتېرلىك تىترەش»، بۇ مەلۇم بىر مۇسكۇلنى زىيادە ئىشلىتىپ مۇسكۇل چارچىغاندا پەيدا بولغان تىترەشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئۇزاق مەزگىل تۇتقان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، توختىماي كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت ئۇرىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە توختىماي يانفون ئوينايدىغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك تىترەشكە ئوخشاش بولۇپ، تىترەشنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل يوقىغاندا، تىترەشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ.

3. پاتولوگىيىلىك تىترەش

(1) پاتولوگىيەلىك تىترەش كۆپىنچە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇت-قول تىترەش ھادىسىسى بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبى: ياخشى خاراكتېرلىك ئالاھىدە قوزغىلىدىغان تىترەش، پاركىنسون كېسىلى، كىچىك مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە بەزى باشقا كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) ياخشى سۈپەتلىك ئالاھىدە قوزغىلىدىغان تىترەش: بۇ جەمەت ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈرلۈك كېسەللىك، ئەگەر سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قول تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك! ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىستاكان، چوكىلارنى تۇتقاندا پەيدا بولىدىغان تىترەش، قول مۇسكۇللىرى بوشىغاندا تىترەش تەدرىجىي يوقايدۇ.

(3) پاركىنسون كېسىلى: بۇ بىر خىل ئاستا ئىلگىرىلەيدىغان نېرۋا سىستېمىسى ئۆزگىرىش كېسىلى بولۇپ، 50-60 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىككى قولنى بوشاشتۇرۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاتقاندا پەيدا بولىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا يېنىكلەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تىترىشى ئادەتتە بىر تەرەپتە قوزغىلىدۇ، ھەتتا ئىككى قولى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئىككى تەرەپتىكى ئېغىرلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پاركىنسون كېسىلى بىمارلىرىدا يەنە ھەرىكىتى ئاستىلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى خاراكتېرلىك ئالاھىدە خاراكتېرلىك تىترەش بىلەن ئوخشاشمايدۇ.

(4) كىچىك مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشى: كىچىك مېڭە كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىترەش «مەقسەتلىك تىترەش» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مەلۇم جىسىمغا يېقىنلاشقانسېرى تىترەش دائىرىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك مېڭىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان بىمارلاردا يەنە مۇقىم ماڭالماسلىق، تاۋۇش ئىنتوناتسىيەسى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

(5) باشقا كېسەللىكلەر: قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ تىترەش كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىكلەردە كۆپ ھاللاردا بىرلا ۋاقىتتا باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن بىمارلاردا يەنە يۈرەك سېلىش، تەرلەش، كۆز ئالمىسى پۇلتىيىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، تىترەشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشتا بەلگىلىك ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ.

 

تىترەش كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

كۆپچىلىككە ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپ بېرىمىز:

1. پەيدا قىلغۇچى ئامىلدىن ساقلىنىش: فىزىيولوگىيەلىك ۋە فۇنكسىيەلىك تىترەشكە قارىتا، بىز يوشۇرۇن پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى پائال ئىزدەپ، ئامال بار ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

2. پىسخىكىلىق يېتەكلەش: ئەگەر قول تىترەش مەسىلىسى راستتىنلا سىزگە ناھايىتى چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلسە، بۇ ۋاقىتتا پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى، قول تىترەشنى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، قول تىترەشكە توغرا قارىسىڭىز ئۇنى يەڭگىلى بولىدۇ.

3. ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كاپالەت: ئەگەر سىزنىڭ تىترەشىڭىز بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىر نەچچە خىل كېسەللىكنىڭ ئىپادىسىگە ماس كەلسە، ئۇنداقتا پاتولوگىيىلىك تىترەشتىن يۈكسەك دەرىجىدە گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ساغلاملىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19311066.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-19 / 08:53:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ