ئۈچ ئۇچلۇق كلاپان
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئۈچ ياپراقلىق كلاپان, ئۈچ ئۇچلۇق قاپقاق, ئۈچ ياپراقلىق قاپقاق
tricuspid valve
三尖瓣
triküspit kapakçık
ئوڭ دالانچە بىلەن ئوڭ قېرىنچىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئۈچ ياپراقتىن تۈزۈلىدۇ. ئوڭ دالانچە يۈرەك مۇسكۇللىرى سىقىشىپ قاننى ئوڭ قېرىنچىگە يۆتكىگەندە بۇ كلاپان ئېچىلىدۇ. قان ئوڭ دالانچىدە قالمىغاندا كلاپان يېپىلىدۇ. ئوڭ قېرىنچىگە بارغان قاننىڭ يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىككى ئۇچلۇق كلاپان يېپىلىشى بىلەن ئۈچ ئۇچلۇق كلاپاننىڭ يېپىلىشى ئاساسەن بىر ۋاقىتتا بولۇپ، بۇ ئىككىسى يېپىلىشى ئارقىلىق، بىرىنجى يۈرەك سوقۇش ئاۋازىنى S1 نى شەكىللەندۈرىدۇ.