بالاغەت مەزگىلى
puberty
青春期
ergenlik dönemi
بالاغەت مەزگىلى دېگەنلىك ياشلىقنىڭ يېتىلىش دەۋرى دېگەنلىك . ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن قۇرامىغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدۇر ، ياش – ئۆسمۈرلارنىڭ 11ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان مەزگىلى بالاغەت مەزگىلى ؛ 18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ياشلىق مەزگىلى ياكى بالاغەتكە يېتىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ .
ئىنسانلارنىڭ يېتىلىشىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن بالاغەتكە ئۆتۈش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ ، ئادەتتە 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قىزلار ئادەتتە ئوغۇللارغا قارىغاندا بالدۇر يېتىلىدۇ ، قىزلار 8 ياشتىن 12 ياشقىچە بالاغەت دەۋرىگە كىرىدۇ ، ئوغۇللار 10 ياشتىن 12 ياشقىچە بالاغەتكە كىرىدۇ. ياشلىق دەۋرىدە ئىنسانلار جىسمانىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش ، پسىخولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالاھىدىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇشقا باشلايدۇ.