ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكچېچەك دېغىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

چېچەك دېغىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېرىدىكى چېچەك دېغىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

چېچەك دېغىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

1 . ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك . ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە ، ئاشقازان -ئۈچەينى تازلايدۇ .

2 . قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

3 . تۈنەشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش – گۈزەللىكنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى .

4 . يۈزنى يۇيغاندا چۇقۇم پاكىز يۇيۇش ، ماي ، ئۇپىلارنىڭ قالدۇقلىنى قالدۇرۇپ قويماسلىق كېرەك .

5 . كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش ، يانفۇننى ئۇچۇق ھالەتتە ياستۇق بېشىغا قويۇپ قويماسلىق كېرەك .

6 . چېچەكنى سىقماي ، ئۆزىنىڭ تەبئىي ساقىيىشىغا قويۇپ بېرىپ ، چېچەك ئىزى قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

7. كارىۋاتنىڭ ئەدىياللىرى ۋە ياستۇق لۆڭگىلىرىنى دائىم يۇيۇپ ، پاكىز تۇتۇش ،پارازىت قۇرتلارنىڭ ئۇخلىغان چاغدا يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

8 . ئەڭ ياخشىسى سائەت 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇش ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك .

9. قوقاققا تېگىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكان بار ئاز يېيىش كېرەك .

10. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ، ئۆزىنىڭ تېرىسىگە ماس كىلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .

11. مەرۋايىت تالقىنى بىلەن ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ ، مەلھەم ياساپ يۈزگە سۈرتۇپ بەرسە ، چېچەك دېغىنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

12. ئاق شېكەردە يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، داغنى يوقىتىپلا قالماي ، يەنە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ .

13. ۋىتامىن E نى چېچەك دېغىغا سۈركەپ بەرسە ۋە داۋاملاشتۇرسا ، داغ بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ .

14. گۈل چايلىرىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ، تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-27 / 04:16:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ