بۇ تۈردىكى تۇتقاقلىق ئاساسلىقى مېڭىنىڭ بىر كىچىك قىسىمدىن چىققان بىنورمال ئېلېكترىك پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا ئاددىي قىسمەن تۇتقاق تۇتۇش كۆرۈلگەندە، بىمار ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ قويمايدۇ ۋە بەدەندىكى بولۇۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ھىس قىلالايدۇ:
- بەدەندە غەلىتە ھىس تۇيغۇ پەيدا بولۇش.
- ئىچى ئېلىشىش، ئاشقازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندەك بولۇش.
- ئىلگىرى بۇ خىل ھىس تۇيغۇ بولۇپ باققانلىقىنى ئەمما ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىش.
- بىنورمال پۇراق، تەم ھىس قىلىش.
- قول، بىلەك، مۈرە، پاچاق، پۇت…يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىش ياكى ئۇيۇشۇش.
- قورقۇنچ بېسىش.
- قول پۇت مۇسكۇللىرىدا تارتىش پەيدا بولۇش (مۇسكۇل لىپىلداش سەكرەك)، بىمالال كونترول ھەرىكەت قىلالماسلىق.
- باشقىلار….