راك تۆرەلمە ئانتىگېننىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى CEA بولۇپ ، ئادەتتە بوۋاق تۆرەلمە ۋاقتىدا، بەزى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ پوستلاق قىسمىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، بۇ نورمال ئەھۋال ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆرەلمە بوۋاق بەدىنى شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇ ماددا قايتا ئىشلەپ چىقىرىلمايدۇ. شۇڭا ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قان تەكشۈرۈشىدە بۇ ماددا قايتا تەكشۈرۈلۈپ چىقمايدۇ.
ئەمما بۇ ماددا يەنە راك ھۈجەيرىسى پەردىسى سىرتقى قىسمىدىمۇ ئىشلەپ چىقىلىرىدۇ. بۇ ئالاھىدە بىر خىل راك تامغىلىق ماددا ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇ تەكشۈرۈش بىر كىشىدىن راكتىن شۈبھىلەنگەندە تەكشۈرىلىدىغان بىرخىل قىممەت.
ئەگەر قان تەكشۈرۈشتە، راك تۆرەلمە ئانتىگېننىڭ قىممىتى يۇقىرى چىقسا، بەدەندە كۆكرەك راكى ، ئاشقازان راكى ، بوغماق ئۈچەي راكى ، ئۆپكە راكى… قاتارلىقلارنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بولۇپمۇ تۈز ئۈچەي راكىدا بۇ قىممەت ناھايىتى تېزلا يۇقىرىلايدۇ. شۇڭا قاندا CEA يۇقىرى چىقسا، بىرىنجى بولۇپ تۈز ئۈچەي راكىدىن شۈبھىلىنىشىمىز كېرەك.